دىڭ شۆشياڭ سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى خۇاڭ شۈنسەي بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - سىنگاپور ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ

2023.12.06 09:33 مەنبە: خەلق تورى


دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 12– ئاينىڭ 4 – كۈنى مۇنداق جاكارلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭنىڭ تەكلىپى بويىچە، سىنگاپور جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى خۇاڭ شۈنسەي 12 -ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 8 -كۈنىگىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ. مۇئاۋىن زۇڭلى دىڭ شۆشياڭ 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تيەنجىندە مۇئاۋىن زۇڭلى خۇاڭ شۈنسەي بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - سىنگاپور ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ 19 - قېتىملىق يىغىنى، جۇڭگو - سىنگاپور سۇجوۋ سانائەت رايونى بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ 24 - قېتىملىق يىغىنى، جۇڭگو – سىنگاپور تيەنجىن ئېكولوگىيە شەھەرچىسى بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ 15 - قېتىملىق يىغىنى ۋە جۇڭگو - سىنگاپور ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ 7 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ