خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاۋغۇست ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتىنىڭ «قىرغۇچى 10» تىپلىق يەتتە ماھارەت كۆرسىتىش ئايروپىلانى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە بېرىپ، تەكلىپكە بىنائەن 11-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 18-نۆۋەتلىك دۇبەي ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدۇ.
بۇ قېتىمقى دۇبەي ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاۋغۇست ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتىنىڭ 2017-يىل 11-ئايدىن كېيىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە 2-قېتىم ئۆزىنى نامايان قىلىشى، شۇنداقلا «قىرغۇچى C10» تىپلىق ئايروپىلان ئالماشتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە ئۇچۇپ بېرىشى بولۇپ، شۇ چاغدا ئۇلار كۆپ دۆلەتنىڭ ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتى بىلەن كۆك ئاسماندا بىرلىكتە پەرۋاز قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئۇلار ھاۋا رايى شارائىتى ۋە ئايرودرومنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، 20 نەچچە ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاۋغۇست ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتى قۇرۇلغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «قىرغۇچى 5»، «قىرغۇچى 6»، «قىرغۇچى (مەشق) 5»، «قىرغۇچى 7EB»، «قىرغۇچى 7GB»، «قىرغۇچى 10»، «قىرغۇچى 10C» تىپلىق ماھارەت كۆرسىتىش ئايروپىلانلىرىنى سەپلەپ، 170 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى 700 نەچچە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە 700 قېتىمدىن ئارتۇق ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىپ، سەككىز قېتىم دۆلەت دەرۋازىسىدىن ئۇچۇپ چىقىپ ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، خەلقئارا سەھنىدە جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كارامىتىنى كۆرسىتىشكە ئىنتىلىشتەك ئوبرازىنى نامايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ