دىڭ شۆشىياڭ بۇ يىل قىشتىن كېلەر يىلى ئەتىيازغىچە بولغان ئىسسىقلىق ساقلاش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، زىچ ماسلىشىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، مۇقىم تەمىنلەش ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى

2023.11.10 14:00 مەنبە: خەلق تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشىياڭ 9-چېسلا بېيجىڭدا بۇ يىل قىشتىن كېلەر يىلى ئەتىيازغىچە بولغان ئىسسىقلىق ساقلاش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، بۇ يىل قىشتىن كېلەر يىلى ئەتىيازغىچە بولغان ئىسسىقلىق ساقلاش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  دىڭ شۆشىياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىسسىقلىق ساقلاش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشىدۇر. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى مۇقىم ئاشتى، بايلىق زاپىسى تېخىمۇ تولۇقلاندى، خەلق تۇرمۇشىغا ئېنېرگىيە ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقى زورايتىلىپ، ئىسسىقلىق ساقلاش، تەمىنلەشكە ياخشى ئاساس سېلىندى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ،«ھەر ۋاقىت ئويلاش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، بۇ يىل قىشتىن كېلەر يىلى ئەتىيازغىچە بولغان ئىسسىقلىق ساقلاش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  دىڭ شۆشىياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆمۈر، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات ۋە تەمىنلەشنى ئاشۇرۇشىنى قوللاپ، بايلىق ئىمپورتىنى پائال كېڭەيتىپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىي تەخسىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. زاپاس بايلىقنى تەڭشەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆمۈر ساقلاش بازىسىدا كۆمۈر ساقلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، كۆمۈر زاپىسى تۆۋەنرەك ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىغا دىققەت قىلىپ، كۆمۈر ساقلاش مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، تەبىئىي گاز زاپىسى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئېنېرگىيە جەھەتتە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك توختام ئىمزالاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق چىڭ تۇتۇپ، تەمىنلەشنىڭ، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشتا ئېنېرگىيە ئىشلىتىشىگە ئاۋۋال كاپالەتلىك قىلىپ، سوغۇق ھاۋا رايى ۋە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمەت لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «كۆمۈرنى گازغا، كۆمۈرنى توكقا ئۆزگەرتىدىغان» ئاھالىلەرنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە قانات يايدۇرۇپ، خەۋپنى تەكشۈرۈش-تۈزەش ۋە ئەسلىھەلەرنى تەكشۈرۈش-ئاسراشنى كۈچەيتىپ، زور، پەۋقۇلئاددە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار ۋە كارخانىلار مەسئۇلىيەتنى ھەقىقى ئۈستىگە ئېلىپ، زىچ ماسلىشىپ، ئېنىرگىيە بىلەن بىخەتەر، مۇقىم تەمىنلەش ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار ۋە ئالاقىدار مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى تارماق يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ۋە خېبېي، خېيلۇڭجياڭ، يۈننەندىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىنىڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ