شى جىنپىڭ ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئالبانېسې بىلەن كۆرۈشتى

2023.11.08 10:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئالبانېسې بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل زۇڭلى خىتلامنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى، سىزنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىڭىزنى ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئېچىش، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش دېيىشكە بولىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو ـ ئاۋسترالىيە ئىككى دۆلەت ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدىغان، تەرەققىي قىلدۇرىدىغان توغرا يولدا ماڭدى. جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە ئوخشاشلا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخىي ئۆچ ـ ئاداۋىتى يوق، تۈپ مەنپەئەت توقۇنۇشى يوق، تامامەن ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، بىر ـ بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ھەمراھلاردىن بولالايدۇ. ئىككى تەرەپ دۇنيا چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشى داۋامىدا جۇڭگو ـ ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىگىلىشى كېرەك. ئۆز دۆلىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، دۇنيا تار، قىستاڭچىلىققا تولغان، ھەر ۋاقىت خەۋپ ـ خەتەر ۋە رىقابەت بار. تەقدىرداش بولۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، دۇنيا بىپايان ۋە كەڭ، ھەممە يەردە پۇرسەت ۋە ھەمكارلىق بار. يەرشارىۋى كىرىزىسنىڭ دەھشەتلىك بوران ـ چاپقۇنىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆز ئالدىغا 190دىن كۆپرەك كىچىك كېمىگە ئولتۇرماستىن، بەلكى تەقدىرداش بولىدىغان بىر چوڭ كېمىدە ئولتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ـ ئاۋسترالىيە ئىككى دۆلەت دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلىدە بولىدىغان، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قالىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدىكى جۇڭگو ـ ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ـ ئاۋسترالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بۇ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، شۇنداقلا بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشىغا پايدىلىق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيا ئىقتىسادىدا مۇقىمسىز، ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش تەس ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ئاز بولمىغان خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مۇرەككەپ تاشقى مۇھىت ئالدىدا، جۇڭگو ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈردى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يەنىلا ياخشى تىرەك ئاساسى ۋە نۇرغۇن پايدىلىق شارائىتقا ئىگە، جۇڭگو ئۆزىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ئارقىلىق ئېنىقسىز دۇنيا ئىقتىسادىغا قىممەتلىك بولغان ئېنىقلىق ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگوغا ئېھتىياجلىق. «كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام» قوپۇرۇش «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش» ياكى «خەۋپ ـ خەتەردىن يىراق تۇرۇش»نىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە قورۇقچىلىق بولۇپ، بازار قانۇنىيىتىگە، پەن ـ تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە خىلاپ، شۇنداقلا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە خىلاپ. جۇڭگو ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدۇ، بۇ، ئاۋسترالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە مىسلىسىز پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە تىنچ بىللە تۇرۇش جەريانىدا ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى جەريانىدا ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ـ ئاۋسترالىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، يېشىل ئىقتىساد قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، يەرشارىۋى ۋە رايون ئەركىن سودا سىستېمىسىنى قوغداپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشىنى ياخشى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، سىياسىي پارتىيە، ئاقىللار ئامبىرى، ياشلار، يەرلىكنىڭ ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، خادىملار ئالاقىسى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. جۇڭگو ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدا يەكلەشچان كىچىك گۇرۇھۋازلىق بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، گۇرۇھۋازلىق سىياسىيسى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، لاگېرلار قارشىلىشىشى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ. كىچىك گورۇھلار يەرشارى دۇچ كەلگەن زور خىرىسنى ھەل قىلالمايدۇ، كىچىك گۇرۇھۋازلىق بۈگۈنكى دۇنيانىڭ زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشالمايدۇ. ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان ئاشۇ ئۇرۇنۇشلارغا قارىتا، بىز بىرىنچىدىن ھوشيار بولۇشىمىز، ئىككىنچىدىن قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئاۋسترالىيە تەرەپ بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئۈچ تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش داۋامىدا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  ئالبانېسې مۇنداق بىلدۈردى: خىتلام ئەپەندىنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىغا 50 يىل بولغان بۇ تارىخىي پەيتتە جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە تەرەققىيات جەھەتتە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. جۇڭگونىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم بولۇشى، سىجىل تەرەققىي قىلىشى ئاۋسترالىيە ۋە دۇنيانى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى بار، مەن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىغا باشتىن ـ ئاخىر ئاكتىپ ۋە ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلدىم. ئاۋسترالىيە ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ئوخشىمايدۇ، ئىختىلاپنىڭ بولۇشى ناھايىتى نورمال ئىش، لېكىن ئىختىلاپنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئېنىقلىما بېرىشىگە يول قويماسلىق كېرەك. ئاۋسترالىيە ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشلا توغرا تاللاشتۇر. ئاۋسترالىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد ـ سودا ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ. ئاۋسترالىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى مۇنبىرى قاتارلىق رايون ئىشلىرىدا ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ