شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ماشاتىلې بىلەن كۆرۈشتى

2023.11.08 10:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ماشاتىلې بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى «ئالتۇن دەۋر»گە قەدەم قويدى. بۇ يىل 8 ـ ئايدا، مەن جەنۇبىي ئافرىقىدا 4 ـ قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، رامافۇسا زۇڭتۇڭ بىلەن جۇڭگو ـ جەنۇبىي ئافرىقا ئىككى دۆلەتنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇش، ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان تەرەققىيات ھەمراھلىرىدىن بولۇش، ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ئۆزئارا ئىناق ئۆتىدىغان دوستانە ھەمراھلاردىن بولۇش، ھەققانىيلىقنى قوغدايدىغان يەرشارىۋى ھەمراھلاردىن بولۇشنى بىردەك قارار قىلدۇق. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگونىڭ ئافرىقىنىڭ سانائەتلىشىش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك تەدبىرىنى ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى سەككىز تۈرلۈك ھەرىكىتىنى قوللاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان بىر تۈركۈم ھەمكارلىق تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىكلىكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو ـ ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە پايدىلىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ماشاتىلې مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل 8 ـ ئايدا رەئىس شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، كەلگۈسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. زۇڭتۇڭ رامافۇسانىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا ئەڭ ئالىي شەرەپ ئوردېنى بەرگەنلىكى، جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا ـ جۇڭگو دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىسىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. جەنۇبىي ئافرىقا تەرەپ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جۇڭگو تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا تەرەپ جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدىكى ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ