شى جىنپىڭ سېربىيە زۇڭلىسى برنابىچ بىلەن كۆرۈشتى

2023.11.08 10:03 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا سېربىيە زۇڭلىسى برنابىچ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىندا زۇڭتۇڭ ۋۇچىچى جۇڭگوغا كېلىپ 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقانىدى، بۇ قېتىم زۇڭلى خانىمنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ 6 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشى سېربىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان سەمىمىي دوستلۇقىنى ۋە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قەتئىي ئىشەنچىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو بىلەن سېربىيە بوران ـ چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان «جانجىگەر دوست». ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي جۇغلانمىسى چوڭقۇر، خەلق رايى ئاساسى پۇختا، ئورتاق مەنپەئىتى كەڭ، ھەمكارلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۈچلۈك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى سىجىل يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى كۈنسېرى بېيىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ سېربىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق چوڭ تۈرلىرىنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، جۇڭگو ـ سېربىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ بالدۇرراق كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خادىملار ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو ـ سېربىيە دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سېربىيەنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، سېربىيە تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

  برنابىچ مۇنداق بىلدۈردى: مەن 2019 ـ يىلى جۇڭگوغا كېلىپ شاڭخەي ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقانىدىم، ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولدۇم، مەن جۇڭگونىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقى، گۈللەنگەنلىكى ھەمدە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا چوڭقۇر قايىل. سېربىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى پۇختا، ياخشى، جۇڭگو سېربىيەنىڭ ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش ھەمراھىغا ئايلاندى، خېگاڭ ـ سىمېدېرېۋو پولات زاۋۇتى قاتارلىق ھەمكارلىق تۈرلىرى سېربىيەنىڭ دۆلەت تەرەققىيات قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى. ئىككى دۆلەت يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە ئەركىن سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر سېربىيە تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى قوغدىغانلىقىنى قوللاپ كەلدى، سېربىيە خەلقى بۇنىڭدىن چوڭقۇر مىننەتدار. سېربىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق ئۆزئارا قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ