شى جىنپىڭ كۇبا زۇڭلىسى ماررېرو بىلەن كۆرۈشتى

2023.11.08 10:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا كۇبا زۇڭلىسى ماررېرو بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كۇبا ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى قېرىنداش. جۇڭگو بىلەن كۇبانىڭ ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشى بىلەن، ئىككى دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە زىچ ماسلىشىپ، يىمىرىلمەس سادىق دوستلۇق ئورناتتى. جۇڭگو تەرەپ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن كۇبانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇق فاڭجېنىدا چىڭ تۇرىدۇ، كۇبا تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كۇبا خەلقىنىڭ تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە قامال قىلىشىغا قارشى تۇرغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى قوغدىغانلىقىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى قوللايدىغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەتنى جاكارلىدىم، كۇبا تەرەپنىڭ پائال ئۇدۇللىشىشىنى، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىكى، ساياھەت، سەھىيە، پەن ـ تېخنىكا، ئۇچۇر ـ خەۋەرلىشىش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالىمەن. كۇبا تەرەپنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى قاتارلىق مۇھىم سۇپىلاردىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ خاس مەھسۇلاتلارنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يىل 9 ـ ئايدا، كۇبا «77 دۆلەت گۇرۇھى ۋە جۇڭگو» باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو تەرەپ كۇبا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ قوغداشنى خالايدۇ.

ماررېرو يولداش رائۇل بىلەن رەئىس دىئاز ـ كانېلنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوغا كېلىپ 6 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، مەن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىدە جارى قىلدۇرغان يادرولۇق رەھبەرلىك رولىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى كۇبا ۋە دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىم ئىلھام ۋە ئۆرنەك ھېسابلىنىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ كۇباغا نۇرغۇن سەمىمىي ياردەم بەردى، بۇ، كۇبانىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كۇبا جۇڭگو بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كۇبا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، زوراۋانلىق، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ