لى چياڭ ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئالبانېس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2023.11.10 10:31 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئالبانېس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى ئەپەندى بىلەن مول نەتىجىلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو ئاۋسترالىيە بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا چۈشىنىش روھى بويىچە، سۆزلىشىش ۋە ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھەمكارلىقنى داۋاملىق جۇڭگو - ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلاندۇرۇپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭگو - ئاۋسترالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئاۋسترالىيە ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور، جۇڭگو ئاۋسترالىيە بىلەن بىرلىكتە، ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، بازار پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېنېرگىيە، كان قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ساغلاملىق كەسپى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىقتىساد - سودا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش، خەۋپسىزلىك دائىرىسىنى كېڭەيتىۋېتىشتىن ساقلىنىپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايون گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئاۋسترالىيە بىلەن مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، يەرلىك، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ خادىملىرىنىڭ بېرىش-كېلىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىپ، جۇڭگو - ئاۋسترالىيە دوستلۇقىنى ئىككى دۆلەت خەلقى قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشنى خالايدۇ.

  ئالبانېس مۇنداق بىلدۈردى: زۇڭلى خىتلام جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن 50 يىلدىن بۇيان، ئاۋسترالىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە زور بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو ئاۋسترالىيەنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، ئاۋسترالىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ئىختىلاپ ئارقىلىق تەبىر بېرىشكە بولمايدۇ. ئاۋسترالىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، پەن - تېخنىكا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقە ۋە سۆزلىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق تىزگىنلەپ ۋە كونترول قىلىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەت قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى قوغداپ، ئاۋسترالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئاكتىپ، مۇقىم، ئىجابىي يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.سۆھبەتتىن ئىلگىرى، لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ئالبانېسنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  ۋۇ جېڭلۇڭ يۇقىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  ئالبانېس جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ «جۇڭگو -ئاۋسترالىيە زۇڭلىلىرىنىڭ يىللىق ئۇچرىشىشى بىرلەشمە نەتىجە باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ