شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تەبىئىي مونوپول ھالقىلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك

لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى قاتناشتى

2023.11.09 09:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوت تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «تەبىئىي مونوپول ھالقىلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاممىۋى تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى مۇھىم نىشان، 2035 - يىلى گۈزەل جۇڭگو نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇقىملىقى، سىجىللىقىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈپتىن ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوتى دۆلەت خامچوت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يولغا قويۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، فۇنكسىيەلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كىرىم - چىقىمنى باشقۇرۇشنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەبلەغنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەبىئىي مونوپول ھالقىلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈزۈمنى لايىھەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ تەبىئىي مونوپول ھالقىلىرىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەۋقەنى ئاممىۋى تەدبىر بەلگىلەشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە تىرەك بولۇشقا قويۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاممىۋى تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرتىپ ۋە ئۆلچەمنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان مۇتەخەسسىسلەر ئاممىۋى تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىش مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئېكولوگىيە - مۇھىت بويىچە مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىدا ئۇللۇق رولغا ئىگە، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى نىشان قىلىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ پەرقلىق دەل جايىدا باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكىچە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېھتىياجى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ياخشىلاشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىغا ئاساسەن، گەۋدىلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك ھەل قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ئالدىن ئىزدىنىش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىسمەن دائىرە بىلەن پۈتۈن ۋەزىيەتنى ماسلاشتۇرۇش، ھادىسىدىن تۈزەش بىلەن ماھىيەتتىن تۈزەشنى تۇتاشتۇرۇش، ھازىر بىلەن يىراق كەلگۈسىنى بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، رايونغا ئايرىپ تۈزەپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، تۈرلۈك كونكرېت ھەرىكەتلەر ئارقىلىق گۈزەل جۇڭگو نىشانىنى قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خامچوت خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىگىلىكى جان تومۇرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كەسىپ ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلەرگە مەركەزلىشىشىگە، دۆلەت ئىقتىسادى، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، ئاممىۋى پاراۋانلىق ساھەسى قاتارلىقلارغا مەركەزلىشىشىگە، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرگە مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. باشتىن ئاخىر «ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مالىيە بايلىقىنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە مۇۋاپىق تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، خامچوت كىرىم - چىقىم كۆلىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىق قاتارلىق ھادىسىلەرنى توسۇش كېرەك. خامچوتنى قانۇن بويىچە بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خامچوت چەكلىمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، نېفىت - تەبىئىي گاز، تۆمۈر يول قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تور ھالقىلىرى تەبىئىي مونوپول خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىگىلىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ساھە. نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي مونوپول ھالقىلىرىدا دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسى ۋە يىرىك پىلان ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، تىجارەت دائىرىسى ۋە تىجارەت ھەرىكىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، تەبىئىي مونوپول ھالقىسىدىكى كارخانىلارنىڭ دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ تور تىپىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرگە سېلىنىشىنى كۆپەيتىپ، تايانچ تور بىخەتەرلىكىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەبىئىي مونوپول ھالقىلىرىدا مونوپول خاراكتېرلىك كەسىپلەر ۋە رىقابەت خاراكتېرلىك كەسىپلەرنى قانات يايدۇرۇش دائىرىسىنى نازارەت قىلىپ - باشقۇرۇپ، مونوپول ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى رىقابەت خاراكتېرلىك ھالقىلارغا كېڭىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مۇتەخەسسىسلەر ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ئەقلىي كۈچ بايلىقى، مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنىغا بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاممىۋى تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىشىغا دائىر سىياسەت كاپالىتى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەرنى تاللاشتىن باھالاش، نازارەت قىلىشقىچە بولغان پۈتۈن جەريانلىق، پۈتۈن زەنجىرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاممىۋى تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىش تۈزۈم ئۆلچىمىنى ساھەگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاممىۋى تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىش مەسئۇلىيەت ئورنى، ھوقۇق - مەنپەئىتى، مەجبۇرىيىتى ۋە مۇناسىپ مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بۇ مۇتەخەسسىسلەرنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشتە، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى يىرىك پىلانلاش ۋە ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى جىپسىلاشتۇرۇپ، دىققەتنى رايون خاراكتېرلىك، ۋادى خاراكتېرلىك گەۋدىلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسىلىنى پەرقلەندۈرۈشتىن ھەل قىلىش لايىھەسىگىچە بولغان رايونلارغا ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرى ئورنىتىش كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ مۇھىم تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرلۈك ئېچىش، قوغداش قۇرۇلۇشى پائالىيەتلىرىگە ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركىزىي كومىتېت ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ