شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن ـ تېخنىكا ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.11.08 10:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن ـ تېخنىكا ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا كىردى. پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو تەرەپ تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق ـ سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى يادرو قىلغان يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، خەلقئارا پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئالماشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى ئورتاق قېزىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن ـ تېخنىكا ئالماشتۇرۇش يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «يېڭىلىق يارىتىش يولىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش» بولۇپ، پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە سىچۇەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قوللىغۇچى ئورۇن بولدى، شۇ كۈنى چۇڭچىڭ شەھىرىدە ئېچىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ