سەي چى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

2023.11.10 10:34 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  سەي چى مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە شەكىللەنگەن ۋە ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىپ راۋاجلانغان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىيىتى تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرىيەۋى يەكۈنى. بۇ مۇھىم ئىدىيە يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش، قانداق پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، قانداق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق تۈپ مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، ماركسىزملىق مەدەنىيەت نەزەرىيەسىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئىلمىي ھەرىكەت قوللانمىسى بىلەن تەمىنلىدى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىش، دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى.

  سەي چى مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى مول ۋە چوڭقۇر بولۇپ، چوڭقۇر كۆز قاراش، ئىستىراتىگىيەلىك پىلان، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپلا قالماي، يەنە بىزگە توغرا مەيدان، ئەسقاتىدىغان ئۇسۇلنى ئۆگىتىدۇ. ئەتراپلىق ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەم ئۇنىڭدىكى مۇھىم ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلارنى توغرا چۈشىنىش، ھەم سىستېمىلىق، تولۇق ئىگىلەشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي روھ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇننى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆگەنگەننى ئۆزلەشتۈرۈش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ مۇھىم ئىدىيە ئۆز ئىچىگە ئالغان زور يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىئىنەزىرى، ئىلمىي مېتودولوگىيە ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان، ئوچۇق، ئىلمىي سىستېمىلىق ئىدىيە سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز بېيىيدىغانلىقى ۋە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك.

  سەي چى مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ھەم ئۆگىنىشكە، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا تارقىتىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئىدېئولوگىيە خەۋپ -خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەنى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ھەقىقىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكىلەر شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە شەرھلەشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ، نەزەرىيە تەتقىقاتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش ۋە شەرھلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۇلېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دۆلەت كومىسسارى شېن يىچىن يىغىنغا قاتناشتى.

  دۆلەت رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە قىسمەن مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋەكىللىرى سۆز قىلدى. مەركەزدىكى تەشۋىقات، مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئىدىيە - مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ