شى جىنپىڭ 2023 - يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى

2023.11.10 09:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2023 - يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2023 - يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2015 - يىلى، مەن 2 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەرشارىۋى ئالاقە تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى «تۆت پىرىنسىپ»، «بەش تەشەببۇس»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلدىم، بۇ ئىدىيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، قانداق قىلىپ تەرەققىيات قىزىل رەقىمىنى ھەل قىلىش، خەۋپسىزلىكتىكى مۈشكۈل ئەھۋالنى تۈگىتىش، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىش بىز ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان دەۋر تېمىسى. ئالاقە تورى كۈنسېرى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە، خەۋپسىزلىكنى قوغداشتىكى يېڭى ساھەگە، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىكى يېڭى سۇپىغا ئايلانماقتا، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ھەم دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرىشتىكى مۇقەررەر تاللاش، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ساداسى. بىز ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىشىپ، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  بىز تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، تېخىمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، گۈللەنگەن تور بوشلۇقى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز. رەقەم ساھەسىدىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، رەقەم ھاڭىنى كىچىكلىتىپ، ئالاقە تورى تەرەققىياتىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلقنى ئالاقە تورى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  بىز باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈپ، تېخىمۇ تىنچ، بىخەتەر تور بوشلۇقى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز. تور ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولى ۋە ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. تور بوشلۇقى خەلقئارا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىمىز، تور زومىگەرلىكى بىلەن شۇغۇللانماسلىقىمىز كېرەك. تور بوشلۇقى لاگېرلار قارشىلىشىشى ۋە ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى ئېلىپ بارماسلىقىمىز كېرەك. تور بىخەتەرلىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا كۈچلۈك زەربە بېرىپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى ۋە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن قائىدە توقۇنۇشى، جەمئىيەت خەۋپ - خەتىرى، ئېتىكا خىرىسىغا پۇختا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ «يەرشارىۋى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ بىخەتەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  بىز مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، تېخىمۇ باراۋەر، سىغدۇرۇشچان تور بوشلۇقى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز. توردا ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇپ، ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك تور مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ، مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، تور مەنىۋى ماكانىمىزنى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇچۇر ئىنقىلابى دەۋر ئېقىمى ھەيۋەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، تور بوشلۇقىغا ئىنسانلارنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان چەكسىز تەلپۈنۈشى مۇجەسسەملەنگەن. بىز قول تۇتۇشۇپ، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئالاقە تورى ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى!

  2023 - يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە جېجياڭ ۋۇجېندا ئۆتكۈزۈلىدۇ، باش تېمىسى «سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئېلاستىكلىققا ئىگە رەقەملىك دۇنيا قۇرۇش − قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ