خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ب د ت يىغىنىنىڭ 4-كومىتېتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلىۋالغان زېمىندىكى خەلقنىڭ ھوقۇقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەرىكىتى ۋە ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىلىرى پائالىيىتىگە قاراپ چىققاندا سۆز قىلىپ، توقۇنۇشۇۋاتقان پەلەستىن-ئىسرائىلىيەنى دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلدى.
گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىشغال قىلىنغان زېمىندىكى پەلەستىن خەلقى، بولۇپمۇ غەزە رايونىدىكى ئامما قار كۆچكۈنىدەك ئاپەتكە دۇچ كەلدى. شۇنى يەنە بىر قېتىم ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەككى، پۇقرالارغا قارىتىلغان بارلىق زوراۋانلىق ۋە ھۇجۇملار ئەيىبلىنىشى كېرەك، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھەرقانداق قىلمىشقا قارشى تۇرۇش كېرەك. پەرقسىز قورال كۈچى ئىشلىتىشنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، دوختۇرخانا، مەكتەپ، مۇساپىرلار لاگېرى قاتارلىق پۇقراۋى ئەسلىھەلەر ھەربىي ھەرىكەتنىڭ نىشانى بولۇپ قالماسلىقى ھەم بۇنىڭغا يول قويۇلماسلىقى كېرەك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خادىملىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە تېببىي خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.
گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى مۇتلەق ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى، ئالاقىدىن ئايرىلىشنى دەرھال توختىتىپ، ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. جۇڭگو ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارا قانۇن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، غەزە رايونىدىكى ئاساسىي ياشاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ خەۋەرلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، قۇتقۇزۇش يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، غەزە رايونىدىكى ئاممىنى كوللېكتىپ جازالاشنى توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. جۇڭگو پەلەستىن خەلقىگە قارىتىلغان مەجبۇرىي سەرگەردان قىلىش ۋە مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، غەزە رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.
گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: غەزە رايونىدىكى ئۇرۇش ئوتىنىڭ كەينىدىكى پاكىت شۇكى، پەلەستىننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بوشلۇقى ئىسرائىلىيەنىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ئىشغالىيىتىدە قىسىلىپ چېكىگە يەتتى. پەلەستىننىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىنىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئىسرائىلىيە چوقۇم خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2334-نومۇرلۇق قارارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىشنى توختىتىشى، بارلىق ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى پائالىيەتلىرىنى توختىتىشى، پەلەستىن خەلقىنى قوغلاپ چىقىرىشنى توختىتىشى، بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئولتۇراقلاشقۇچىلار زوراۋانلىقىنى توختىتىشى، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نىڭ توغرا يولىغا تېزرەك قايتىشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم مەنبە خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشى كېرەك، پارچە-پۇرات كىرزىسنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك، ئادىل ھەل قىلىش لايىھەسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ، چەكلىك ئىقتىسادىي، ئىنسانپەرۋەرلىك تەدبىرلىرى ئارقىلىق سىياسىي بىخەتەرلىك قەرزىنى تولۇقلىسا بولمايدۇ.
گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ب د ت ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى مەسئۇلىيەتچانلىق، ئەھمىيەتلىك ھەرىكەت قوللىنىپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ تارتىۋېلىشقا بولمايدىغان ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۈرگۈزۈشىنى قوللاشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇشۇ ئايدىكى نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو داۋاملىق ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئۇرۇش توختىتىش، پۇقرالارنى قوغداش، تېخىمۇ زور ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاققىچە ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى