دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 7-چېسلا ئېلان قىلغان «2023-يىللىق دۇنيا تۇبېركۇليوز كېسەللىكى دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى دۇنيا بويىچە 1 مىليون 300 مىڭ ئادەم تۇبېركۇليوز كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان، ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت يەنىلا تېخىمۇ كۆپ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2000-يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن دۇنيانىڭ تۇبېركۇليۇز كېسەللىكىگە تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقى بىلەن 75 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇپ قېلىندى. 2022-يىلى دۇنيا بويىچە تۇبېركۇليوز كېسەللىكىگە دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئەسلىگە كېلىش كۆرۈلدى، پۈتۈن دۇنيادا جەمئىي 7 مىليون 500 مىڭ ئادەمگە تۇبېركۇليوز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلدى، بۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 1995 -يىلىدىن باشلاپ دۇنيا بويىچە تۇبېركۇليوز كېسەللىكىنى تەكشۈرۈشنى باشلىغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سان. 2022-يىلى پۈتۈن دۇنيادا 1 مىليون 300 مىڭ ئادەم تۇبېركۇليوز كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ،2021- يىلىدىكى 1 مىليون 400 مىڭ ئادەمدىن سەل ئازلىغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 10 مىليون 600 مىڭ ئادەم تۇبېركۇليوز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، 2021-يىلىدىكى 10 مىليون 300 مىڭ ئادەمدىن كۆپەيگەن. كۆپ خىل دورىغا چىداملىق تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى يەنىلا ئاممىۋى سەھىيە دۇچ كەلگەن كىرىزىس. 2022-يىلى تەخمىنەن 410 مىڭ ئادەم كۆپ خىل دورىغا چىداملىق ياكى لىفوپىن دورىلىرىغا چىداملىق تۇبېركۇليوز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن بەشتىن ئىككى قىسىم بىمار داۋالانغان.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى:خەلقئارا جەمئىيەت تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە دىياگنوز قويۇشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى، دورا ۋە ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش جەھەتتە بەزى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، لېكىن بۇ ساھەلەرنىڭ ئومۇمىي مەبلەغ سېلىش سەۋىيەسى بۇ ئىلگىرىلەشلەرنى چەكلەپ قويدى.
«2023-يىللىق دۇنيا تۇبېركۇليوز كېسەللىكى دوكلاتى»دا 192 دۆلەت ۋە رايوننىڭ سەھىيە تارماقلىرىدىن توپلانغان سانلىق مەلۇماتلار جەملەنگەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا تۇبېركۇليوز كېسەللىكى پىلانىنىڭ مەسئۇلى كاسايېۋا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دوكلاتتا تۇبېركۇليۇز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا ئالاقىدار ھالقىلىق سانلىق مەلۇمات ۋە ئىسپاتلار تەمىنلەنگەن بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار نىشان ۋە ۋەدىسىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىغا پايدىلىق.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ