لى چياڭ 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2023.11.06 13:56 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 5-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ شاڭخەيدە 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ۋە خۇڭچياۋ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى

  خەلق گېزىتىنىڭ 11-ئاينىڭ 5-كۈنى شاڭخەيدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ شاڭخەيدە 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ۋە خۇڭچياۋ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە مەخسۇس خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تەكىتلىدى. ئىمپورت باش تېما قىلىنغان تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن دۇنيا پائال تۇتاشتۇرۇلدى، خەلقئارا سېتىۋېلىش، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادىمىيەت ئالاقىسى، ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىقتىن ئىبارەت تۆت چوڭ سۇپىلىق رولى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، دۇنيا بويىچە ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلاتلارنىڭ خاسلىقى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.

  لى چياڭ كۆپچىلىك بىلەن بىرقانچە كونكرېت «كۆرگەزمىگە كىرىش ھېكايىسى»نى ئورتاقلاشقاندىن كېيىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى تارىخىي ۋەزىيەت، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئەڭ ئاقىلانە ھەم ئەڭ تەبىئىي تاللاش. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئېچىۋېتىلگەن چوڭ سەھنىدە بىر-بىرىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا نەتىجە يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، تەڭ مەنپەئەتلىنىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ..

  لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگودا ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. جۇڭگو «بازار پۇرسىتى تېخىمۇ چوڭ» بولغان ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمپورتنى پائال كېڭەيتىپ، چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسىنىڭ مەملىكەت ۋە ئەركىن سودا سىناق رايونى نۇسخىسىدىكى پاسسىپ تىزىملىكىنى يولغا قويۇپ، دۇنيا ئۈچۈن داۋاملىق غايەت زور بازار پايدىسى يارىتىش كېرەك. «قائىدە بىلەن تۇتاشتۇرۇش تېخىمۇ ياخشى» بولغان ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش، ئەركىن سودا سىناق رايونى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ئېنېرگىيە دەرىجىلىك ئېچىۋېتىش سۇپىسى بەرپا قىلىش، «تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ۋە «رەقەملىك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە كىرىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك. «يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېخىمۇ يېتەرلىك» بولغان ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى ۋە نەتىجىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسۇقنى تىرىشىپ بۇزۇپ تاشلاپ، رەقەملىك ئىقتىساد ساھەسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ قانۇن بويىچە تەرتىپلىك، ئەركىن يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش»تەك ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈمىنى قەتئىي قوغداش، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىغا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر قاتنىشىپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈش، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر تەرەپلىمىلىككە، قورۇقچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شاڭخەينىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم شاڭخەيدە «يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودىسى» ھەمكارلىقىدىكى باشلامچى رايون قۇرۇش كېرەك.

  ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئالبانىس، كۇبا زۇڭلىسى مارېرو، قازاقىستان زۇڭلىسى ئىسمايىلوف، سېربىيە زۇڭلىسى بۇرنابىچ، ئىراننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مۇخبېر، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ماشاتلې، ۋېيتنامنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى چېن خۇڭخې، ئەزەربەيجاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى مۇستاپايېف، فىجىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە سودا مىنىستىرى كامكامگا، نىكاراگۇا زۇڭتۇڭىنىڭ مەبلەغ سېلىش، سودا ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مەسلىھەتچىسى ئورتېگا، تايلاندنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە سودا مىنىستىرى پۇتان، ب د ت سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنىنىڭ باش كاتىپى گرېنسپان ھەمدە دۇنيادىكى 154 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كەلگەن سىياسىي، سودا قاتارلىق ھەر ساھە ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 1500 كىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەل رەھبەرلىرى تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىمپورت كۆرگەزمىسى دۇنيا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم سۇپىسىغا ئايلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايەن قىلدى. جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە سودا، مەبلەغ سېلىش، پەن-تېخنىكا، ئۇل ئەسلىھە، ئېلېكتىرونلۇق سودا، سەھىيە-ساغلاملىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ،«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنى قوغداپ، دۇنيانىڭ سىغدۇرۇشچان سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، لى چياڭ كارخانا كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، لى چياڭ يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ساراينى كۆزدىن كەچۈردى.

  خې لىفېڭ، چېن جىنىڭ، ۋۇ جېڭلۇڭلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ