يولداش لى كېچياڭنىڭ ھاياتى

2023.11.07 03:39 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەشھۇر رەھبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17 - نۆۋەتلىك، 18 - نۆۋەتلىك، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق زۇڭلىسى يولداش لى كېچياڭ يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىش سەۋەبىدىن، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، 2023 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سائەت 0 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە شاڭخەيدە 68 يېشىدا ۋاپات بولدى.

  يولداش لى كېچياڭ ئەنخۇي دىڭيۈەندىن، 1955 - يىلى 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئەنخۇي خېفېيدا تۇغۇلغان. 1962 - يىلى 9 - ئايدىن 1974 - يىلى 3 - ئايغىچە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خېفېي شەھەرلىك نەنمېن باشلانغۇچ مەكتەپ، 8 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، 1973 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن. ئۇ ياش - ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن باشلاپلا پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئالغا بېسىشقا ئىنتىلگەن. 1974 - يىلى 3 - ئايدىن باشلاپ، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فېڭياڭ ناھىيەسى دامياۋ گۇڭشېسى دۇڭلىڭ دادۈيىدە ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىدە ئىشلىگەن، 1976 - يىلى 5 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1976 - يىلى 11 - ئايدىن 1978 - يىلى 3 - ئايغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فېڭياڭ ناھىيەسى دامياۋ گۇڭشېسى دامياۋ دادۈيى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1978 - يىلى 3 - ئايدىن 1982 - يىلى 2 - ئايغىچە، بېيجىڭ داشۆنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان.

  1982 - يىلى 2 - ئايدىن باشلاپ، يولداش لى كېچياڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بېيجىڭ داشۆ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، قوشۇمچە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى بولغان، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ كاندىدات شۇجىسى بولغان، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1993 - يىلى 3 - ئايدىن باشلاپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1 - شۇجىسى، قوشۇمچە جۇڭگو ياشلار سىياسىي شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى، 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇ پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنى ئويلىشىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى مەزگىلدىكى دۆلىتىمىز ياشلار خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، جۇڭگو ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت ئەھۋالىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئەسىر ھالقىغان ياشلار مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە ئەسىر ھالقىغان ياش ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئۇنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولغان، «ئۈمىد قۇرۇلۇشى»، «ياش پىدائىيلار»، «مەدەنىي ياشلار كوللېكتىپى»، «10 مىڭ كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە مۇلازىمەت قىلىش ھەرىكىتى» قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولغان.

  1998 - يىلى 6 - ئايدىن باشلاپ، يولداش لى كېچياڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، ئۆلكە باشلىقى بولغان، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان، بۇ مەزگىلدە قوشۇمچە خۇاڭخې دەرياسى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى بولغان. ئۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرەش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆلكە بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تەرەققىيات ئورتاق تونۇشىنى شەكىللەندۈرگەن. شەرققە يۈزلىنىپ ئىلغار تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىسىنى كىرگۈزۈش، غەربكە يۈزلىنىپ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم بازىرىنى ئېچىشتىن ئىبارەت «شەرقتىن كىرگۈزۈش، غەربكە يۈزلىنىش» ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە يولغا قويۇپ، خېنەننىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. مەركىزىي شەھەر، مەركىزىي شەھەر - بازارلار يېتەكلەش ئىستراتېگىيەسىنى پائال يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ۋە مۇھىم تەسىرگە ئىگە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك شەھەرلەر توپى ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش بەلبېغىنى شەكىللەندۈرگەن. سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خېنەننىڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى بولۇشىدىكى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، خېنەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتكە دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا، شەھەر - يېزا قىياپىتىدە پائال ئۆزگىرىش بولۇشىغا تۈرتكە بولغان.

  2004 - يىلى 12 - ئايدىن باشلاپ، يولداش لى كېچياڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئۇ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش ۋە دېڭىز بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت قوش پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، «بەش نۇقتىلىق رايون، بىر لىنىيە» دېڭىز بويى ئىقتىساد بەلبېغىنى بەرپا قىلىپ، پورتقا يېقىن سانائەت ۋە دېڭىز بويى ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جابدۇق ياسىمىچىلىقى توپلاشما رايونى بەرپا قىلىپ، تۇتاش كەتكەن كەپىلىك مەھەللىلەرنى مەركەزلىك ئۆزگەرتىش، «ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر»نىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلىغان، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، تەرەققىيات زاپاس كۈچى يەنىمۇ ئېشىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلغان، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ئالغا باسقان ياخشى ۋەزىيەت نامايان قىلىنىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، لياۋنىڭ كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن.

  2007 - يىلى 10 - ئايدا، يولداش لى كېچياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا، دائىمىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغان. 2008 - يىلى 3 - ئايدا، يولداش لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىقىغا، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىپ، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان، تەرەققىيات - ئىسلاھات، مالىيە، دۆلەت زېمىن بايلىقى، مۇھىت قوغداش، قۇرۇلۇش، سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولغان. بۇ مەزگىلدە گوۋۇيۈەن سەنشيا قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، گوۋۇيۈەن جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، گوۋۇيۈەن داۋالاش، دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. ئۇ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش، داۋالاش، دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مالىيە - باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەمكارلىشىپ ياخشى ئىشلىگەن. ئۇ ھەقىقىي ئۈنۈملۈك ھالدا ئاساسىي داۋالاش، سەھىيە تۈزۈمىنى ئاممىۋى مەھسۇلات سۈپىتىدە ئومۇمىي خەلققە يۈزلەندۈرۈپ، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، مېخانىزم بەرپا قىلىشنى داۋالاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، داۋالاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا، داۋالاشتىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىلىق ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، «ئۈچ چاقلىق قوزغىتىش»نى يولغا قويۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كاپالەتلىك ئۆينى ئادىل تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ مۇھىت قوغداشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تەرەققىيات داۋامىدا قوغداش، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلەپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلغان.

  2012 - يىلى 11 - ئايدا، يولداش لى كېچياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئۇ 2013 - يىلى 3 - ئايدا، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەن، شۇ ئايدىن باشلاپ گوۋۇيۈەن پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. چىگىش، مۇرەككەپ بولغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى ۋەزىيىتى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ماكرولۇق تەڭشەش ۋە تىزگىنلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئالدىن تەڭشەش، مىكرو تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نىشانلىق تەڭشەش ۋە تىزگىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغان. يېڭى - كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، «ئالاقە تورى+» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەتنىڭ ئۇلىنى كۈچەيتىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، يېشىل ياسىمىچىلىق قاتارلىق چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلەتكەن. پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلىسى مۇلازىمىتىنى كۈچەيتكەن. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىقىنى ئۇرغۇتۇشقا كۈچ سەرپ قىلغان. سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، شاڭخەي قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردە بىر تۈركۈم ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنى تەسىس قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرگەن. رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى ئېشىش قۇتۇبى، ئېشىش بەلبېغىنىڭ تېز يېتىلىشىگە تۈرتكە بولغان، يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزىلاردىكى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر - يېزا، رايونلار تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرغان. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - يېزا مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بىرلىككە كەلگەن شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىك تورى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن. ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنى كۈچەپ تۈزەپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەن. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ھەممە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەرنى ئورنىتىش»تا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان قانۇنچىل ھۆكۈمەت، يېڭىلىق يارىتىشچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت ۋە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرغان.

  2017 - يىلى 10 - ئايدا، يولداش لى كېچياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 2018 - يىلى 3 - ئايدا، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا، ئۇ يەنە بىر قېتىم گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەن ھەم گوۋۇيۈەن پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۇنيا ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ تېز ئۆزگىرىشى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ زەربىسى، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق كۆپ خىل سىناقلار ئالدىدا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتقان. ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مالىيە، پۇل قاتارلىق سىياسەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە قوللىنىپ، مەۋقەنى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى قوللاپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلىغان. ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئۈنۈملۈك قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ زەربىگە تاقابىل تۇرۇشى، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ۋاقتىدا ياردەم بەرگەن. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا زىچ تايىنىپ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، سىرتنىڭ بېسىمى ۋە توسقۇنلۇقىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغان. رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ تەمىناتىنى كېڭەيتىپ، شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونلار تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىنى يېتىلدۈرگەن. يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، تۆۋەن چەكنى ساقلاش، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسەت يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشىگە مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش - سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە مۇلازىمەتنى كۈچەيتكەن. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ داۋاملىق يۆلەشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىگەن ۋە كېڭەيتكەن. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولغان.

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى بولغاندىن كېيىن، يولداش لى كېچياڭ يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گوۋۇيۈەن شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، گوۋۇيۈەن غەربىي قىسىم رايونىنى ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، دۆلەت پەن - تېخنىكا، مائارىپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، دۆلەت پەن - تېخنىكا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، دۆلەت كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەم ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، دۆلەت ئېنېرگىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قوشۇمچە ئۆتىگەن، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش ۋە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش قاتارلىق ساھەلەرگە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، يولداش لى كېچياڭ مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، داۋالاش بايلىقى ۋە ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ ۋە داۋالاپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ۋاقىت، ۋەزىيەتكە قاراپ ئەلالاشتۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ھالدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور چەكتە قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا زور ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولغان.

  يولداش لى كېچياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ياراملىق ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرىكىشىگە تۈرتكە بولغان. ئۇ ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلغان. ئۇ «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ قايتا تەشكىللەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ مالىيە - باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باج ئېلىشنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلغان. ئۇ پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، پەن تەتقىقات تۈرى ۋە خىراجەت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىغا تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىپ، بازارلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئارقىلىق كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتكەن. ئۇ سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان خەلقئارا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن.

  يولداش لى كېچياڭ خەلق ئاممىسىغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان، ھەممىدە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلغان. ئۇ دائىم كارخانا، زاۋۇت - كان، ئېتىز - ئېرىق باشلىرى، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ھال - ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلەپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ: تەرەققىيات ئاساسىدا خەلققە پايدىلىق ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن ئىشلارنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، تۇرالغۇ، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك قىيىنچىلىقلىرىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىگە پۇختا تىرەك بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ قايتا - قايتا تەكىتلىگەن.

  يولداش لى كېچياڭنىڭ خىزمەت ئىستىلى چوڭقۇر، پۇختا بولۇپ، راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش خىزمەت ئىستىلىنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا باشلامچىلىق بىلەن قارشى تۇرغان. ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە قىسقا يول يوق، مۇھىمى ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. ئىشلەشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىجادىي ئىشلەش كېرەك. مەركەز ۋە يەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جايلارنىڭ ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دادىل ئىزدىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا بەس - بەس بىلەن تۈرتكە بولۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. تەكشۈرۈش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتىكى چاكىنىلىق، ھۇرۇنلۇق، بوشاڭلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەرتىپكە سېلىش، مەمۇرىيەتتە لەۋزىدە تۇرماسلىق ئەھۋالىنى قەتئىي تۈزەش كېرەك. ئىسلاھات چارىسى، بوشاشماسلىق روھى بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئىش قىلغۇچىلارغا ئىلھام بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغۇچىلارغا مەدەت بېرىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  2023 - يىلى 3 - ئايدا، يولداش لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى يەنە ئۆتىمەيدىغان بولدى. ئۇ رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلدى ۋە قوللىدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلدى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي قوللىدى.

  يولداش لى كېچياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 15 - نۆۋەتلىك، 16 - نۆۋەتلىك، 17 - نۆۋەتلىك، 18 - نۆۋەتلىك، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 17 - نۆۋەتلىك، 18 - نۆۋەتلىك، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.

  يولداش لى كېچياڭ كوممۇنىزم ئالىيجاناب غايىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمىگەن، پارتىيە ۋە خەلققە چەكسىز سادىق، قەتئىي ئىرادە بىلەن پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. ئۇ ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن - ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىغان. ئۇ سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، توغرىلىنىش ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغدىغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىغان. ئۇ كۈچلۈك پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىغا ئىگە بولۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈپ، پارتىيە ئىشلىرى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى تەڭ يېيىش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغان. ئۇ ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ كوللېكتىپ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا ماھىر بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىغان ۋە جارى قىلدۇرغان. ئۇ ئوچۇق - يورۇق، تىرىشچان ۋە ئەستايىدىل بولۇپ، جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن. ئۇ كەمتەر، ئېھتىياتچان، چىقىشقاق بولۇپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پاك - دۇرۇس، تۇرمۇشتا ئاددىي - ساددا بولۇپ، ئائىلە تەۋەلىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتى ۋە ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىغان.

  يولداش لى كېچياڭنىڭ ھاياتى ئىنقىلابىي ھايات، كۈرەش قىلغان ھايات، شانلىق ھايات، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ھايات، كوممۇنىزم ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ھايات. ئۇنىڭ ۋاپاتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن زور يوقىتىش. بىز قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھى، ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە ئېسىل ئىستىلىدىن ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  يولداش لى كېچياڭ مەڭگۈ ھايات!

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ