«شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2023.11.07 10:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىدىن قايتماي كۈرەش قىلىش ئارزۇسى بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش تارىخى يەنە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش تارىخىدۇر. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان ئۇزاق مۇددەت ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئاساسىدا، 18 - قۇرۇلتايدىن بۇيان نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، پارتىيەمىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتتى ۋە كېڭەيتتى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى ياراتتى، زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى راۋان ماڭغىلى بولىدىغان، پۇختا ماڭغىلى بولىدىغان يول، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىردىنبىر توغرا يول. ھازىردىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى − پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت. يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ماھىيىتىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم پىرىنسىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ ھېس قىلغىلى، يولغا قويغىلى بولىدىغان قىلدى، بۇ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «بايانلاردىن ئۈزۈندە» يەتتە مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 522 بۆلەك بايان بار بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 2023 - يىلى 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، ئىزاھاتى، نۇتقى، سۆھبىتى، تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتى، يوليورۇقى قاتارلىق 220 پارچىدىن ئارتۇق مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلىرىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ