شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك «فېڭچياۋچە خىزمەت ئۇسۇلى» تىزىملىكىگە كىرگەن ئورۇنلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

سەي چى، لى شى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

2023.11.08 10:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، سەي چى، لى شى قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مەملىكەتلىك «فېڭچياۋچە خىزمەت ئۇسۇلى» تىزىملىكىگە كىرگەن ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋەكىللەرگە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مەملىكەتلىك «فېڭچياۋچە خىزمەت ئۇسۇلى» تىزىملىكىگە كىرگەن ئورۇنلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇلارنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ ـ ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەرگە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  چېن ۋېنچىڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، جاڭ جۈن، يىڭ يۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بەردى، ھەرقايسى جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىغا يېقىندىن تايىنىپ يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشىپ بىخەتەر، مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى ياراتتى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە «فېڭچياۋچە خىزمەت ئۇسۇلى» بويىچە 104 ئورۇننى باھالاپ چىقتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ