شى جىنپىڭ 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە خەت ئەۋەتتى

2023.11.07 10:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە خەت ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2018 - يىلىدىن بۇيان، ئىمپورت كۆرگەزمىسى بەش نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو چوڭ بازىرى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خەلقئارا سېتىۋېلىش، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت سۇپىلىق ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پائال تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك ئەمەس، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلىشىغا ئېھتىياجلىق. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر دۇنيا تەرەققىياتىدىكى مۇھىم پۇرسەت بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، تەڭ نەپ ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولىدۇ. ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى كۆزنەكلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى ئۈزلۈكسىز يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىشىنى؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشتىكى سۇپىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو چوڭ بازىرىنى دۇنيا ئورتاق بەھرىلىنىدىغان چوڭ بازارغا ئايلاندۇرۇشىنى؛ پۈتۈن يەرشارى ئورتاق بەھرىلىنىدىغان خەلقئارالىق ئاممىۋى مەھسۇلات مۇلازىمىتى بىلەن تېخىمۇ ياخشى تەمىنلەپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ قوشۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش ئارقىلىق دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى شۇ كۈنى شاڭخەي شەھىرىدە باشلاندى، باش تېمىسى «يېڭى دەۋر، كەلگۈسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش» بولۇپ، سودا مىنىستىرلىقى ۋە شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ