مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ يالغانچىلىق تارىخى: يالغان گەپلەر تارىخنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟

2023.11.07 22:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يالغاندىن ئۇخلىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان ئادەمنى مەڭگۈ ئويغىتالمايسىز، دەيدىغان گەپ بار. ئوخشاشلا، سىز يەنە سىزگە تۆھمەت قىلىشقا بەل باغلىغان ئادەمنى مەڭگۈ قايىل قىلالمايسىز. مەسىلەن، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»، «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش»، «جاسۇسلۇق ھاۋا شارى» ۋەقەسى تەدرىجىي پەسەيگەن پەيتتە، يەنە ئارقىدىنلا «فېنتانىل» مەسىلىسىنى كۆپتۈرۈپ، «جۇڭگو ئامېرىكىغا زەھەر كىرگۈزدى» دېگەننى تەرغىب قىلىپ، «زەھەر ئەتكەسچىلىكى»نىڭ قالپىقىنى پۈتۈن دۇنيادىكى زەھەرگە ئەڭ قاتتىق زەربە بېرىۋاتقان چوڭ دۆلەتنىڭ بېشىغا كىيدۈرمەكچى بولدى. بىراق، مەيلى ئاممىۋى پىكىرنى قانداق قۇترىتىشىدىن قەتئىينەزەر ئامېرىكىنىڭ بۇ قارا چاپلاش سۆزلىرى يەنىلا كىشىلەرنى قايمۇقتۇرالمايدۇ. چۈنكى، ھەممىگە ئايانكى، ئامېرىكىنىڭ قارا چاپلاشتا ئىشلىتىدىغان «سوپۇن پاراشوكى» تۈگىمەيلا قالماستىن بەلكى تۈرىمۇ كۆپ.

  شۇنداق، دەل 20 يىل بۇرۇن، شۇ چاغدىكى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پوۋېل ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا بىر قۇتا ئاق رەڭلىك پاراشوكنى دۇنياغا كۆرسىتىپ، ناھايىتى ئىشەنچ بىلەن ئۇ بىر قۇتا پاراشوكنى «ئىراق تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقان كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قورال» دەپ ئاتىدى، ئەمما رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن كۆپ يىللاردىن كېيىن بۇ ئىشنى تىلغا ئالغاندا مەسخىرە قىلىپ «ئۇ بەلكىم سوپۇن پاراشوكى بولۇشى مۇمكىن» دېدى. سوپۇن پاراشوكىمۇ ئەمەسمۇ، بۇ مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئامېرىكىغا بىر باھانە كېرەك. ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق ئىراق ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى لۇئىس رۇئىدا «سادام ھۈسەيىندە پەقەت بىر تال رېزىنكە بوغقۇچ ياكى بىر تال ھۆججەت قىسقۇچ بولسىمۇ، بىز ئىراققا تاجاۋۇز قىلىمىز» دېگەن ئىدى. ئامېرىكىنىڭ ئالماقچى بولغىنى سادامنىڭ جېنى، يەنى بۇ ئاتالمىش «دېموكراتىيە»گە مۇناسىۋەتلىك، يەنە ئىراقنىڭ نېفىتىغا مۇناسىۋەتلىك، پۇلغا مۇناسىۋەتلىك. نام بىلەن مەنپەئەتنىڭ كەينىدە يەنە زومىگەرلىك بار.

  بۇ ۋەقەلىك بىر ئاز تونۇشمۇ قانداق؟ «جاسۇسلۇق شارى»، «شىنجاڭنىڭ پاختىسى»، «خۇاۋېينىڭ 5G»سى، «فېنتانىل» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى «پوۋېللار»نىڭ قولىدىكى ئوخشىمىغان ئورالمىلىق «سوپۇن پاراشوكى»دىنلا ئىبارەت. ھەرقانچە تولۇق دەلىل-ئىسپات، ھەرقانچە پۇختا مەنتىقە، ھەرقانچە ئىلمىي دەلىللەشمۇ تۆھمەت قىلىشقا ئالدىراۋاتقان ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىنى توسۇپ قالالمايدۇ. ئۇلار دائىم «سىلەرنىڭ بۇ ئىش ئېنىق ئەمەس، ئاۋۇ ئىشتا ھەمكارلاشمىدىڭلار» دەيدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، جىنايەت ئارتماقچى بولسا، باھانىسى كەم بولمايدۇ.

  «بىز يالغان سۆزلەيمىز، بىز ئالدايمىز، بىز ئوغرىلىق قىلىمىز» دېيىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو ئىلگىرى قىلچە خىجىل بولماي ئاشكارا كۆز-كۆز قىلىپ، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىنىڭ «مەنىۋى مەنزىلى» ۋە «ئەخلاق ئىنتىلىشى»نى گەۋدىلەندۈرگەن. بۇنداق يالغان گەپ ئىمپېرىيەسى پەقەتلا دۇنيانى «زەھەرلەيدۇ». بۇ ھەقتە دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ