خەن جېڭ كانادانىڭ سابىق زۇڭلىسى كرىتىئان بىلەن كۆرۈشتى

2023.11.03 09:07 مەنبە: خەلق تورى

  11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جياۋ بېيجىڭدا كانادانىڭ سابىق زۇڭلىسى كرىتىئان بىلەن كۆرۈشتى.

  خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: سىز جۇڭگو خەلقىنىڭ كونا دوستى، ياخشى دوستى، سىز زۇڭلى بولغان ئون يىل جۇڭگو - كانادا مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن ئون يىل»ى بولۇپ، ۋەزىپىڭىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا جۇڭگو - كانادا دوستلۇق ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق چېپىۋاتىسىز. جۇڭگو بىلەن كانادانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، ساغلام، مۇقىم بولغان جۇڭگو - كانادا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق. جۇڭگو بىلەن كانادا تەسىرى زور چوڭ دۆلەتلەر، ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى، بىز ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملىق كېڭەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز، تېخىمۇ كۆپ كانادا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلەپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى قارشى ئالىمىز.

  كرىتىئان مۇنداق بىلدۈردى: كانادا بىلەن جۇڭگو تەبىئىي ھەمكارلىق ھەمراھلار، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆز ئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور. ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ۋە دوستلۇق ئالاقىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، كانادا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ