مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

يىغىندا «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش»نى چۆرىدەپ سۆز قىلىندى

2023.11.03 16:16 مەنبە: خەلق تورى

  ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

  سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا ئون ئۈچ نەپەر دائىمىي كومىتېت ئەزاسى «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش»نى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى.

  دائىمىي كومىتېت ئەزاسى چې جۈن شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچىنى قوشۇش تەكلىپىنى بەردى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى رۈەن چېڭفا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە ئالاقىدار قانۇن - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىت بايلىقىنى قوغداش بويىچە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى شاڭ يۇڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېشىل تېخنىكىنى سىستېمىلاشتۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل تەرەققىيات، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچلۈك پەن - تېخنىكا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بىلەن تەمىنلەش تەكلىپىنى بەردى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ۋاڭ جىننەن يېڭى بۇلغىمىلارنى ماسلاشتۇرۇپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ۋاڭ شياۋدۇڭ گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى پىلانىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا - كەنت ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئۆزگىچە زامانىۋى نۇسخىدىكى «فۇچۇنشەن تېغى تۇرالغۇ مەنزىرىسى»نى تىرىشىپ بەرپا قىلىش تەكلىپىنى بەردى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى چيەن كېمىڭ يېشىل مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېشىل ئىستېمال تۈزۈلمە - مېخانىزمى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش تەكلىپىنى بەردى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى لىن جيەنيۆ شياڭگاڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ يېشىل پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «يېشىل قولتۇق رايونى»نىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەش سىستېمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت پىلانى، قائىدىسى، تۈزۈلمىسىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى دەن يەنجۈن دېھقان ئىشچىلار پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاشنى ئۆز ئارا تولۇقلاپ ئېچىش تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ ۋە ئۇنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېچىش، پايدىلىنىش، پىلانلاش، لايىھەلەش، يۈرۈشتۈرۈشنى تەڭشەش، ئەقىل پاراسەت بىلەن باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تولۇق دەۋرىيلىك تېخنىكا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى خې جىمىن دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پىلاننى تۇتاشتۇرۇش ۋە تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەشتۈرۈپ قۇمنى تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەكلىپىنى بەردى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ساۋ ۋېيشىڭ دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق ئېكولوگىيەنى قوغداش رايونىنى تۈزەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ۋە تۆۋەن ئېقىمدىكى ئېكولوگىيە تولۇقلىما مېخانىزىمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ليۇ تۇڭدې چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ياخشى قوغداپ، دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى فۇ جىگۇەن تەيۋەن ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ساقلاش رايونىنىڭ «يېشىللاشتۇرۇش»تىن «بېيىتىش»قا ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى جاڭ چۈەن كاربون قويۇپ بېرىشنى ئىستاتىستىكا قىلىش ھېسابات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى «قوش كونترول قىلىش»تىن تەدرىجىي ھالدا كاربون قويۇپ بېرىشنى «قوش كونترول قىلىش»قا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش تەكلىپىنى بەردى.

  يىغىنغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لياڭ جېنيىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇ چۈنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، خې خوۋخۇا، باتىر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ