شى جىنپىڭ كۇبالىق ئالىم فىدېلغا جاۋاب خەت قايتۇردى

2023.11.01 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۇبالىق داڭلىق ئالىم فىدېلغا جاۋاب خەت قايتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىز ئۇزاقتىن بۇيان كۇبا بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاھىدە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو - چەت ئەل پەن تەتقىقات ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، كۆپ تۈردە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردىڭىز، مەن سىز ۋە سىزنىڭ يېتەكچىلىكىڭىزدىكى كوللېكتىپنى تەبرىكلەيمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى چوڭ يۈزلىنىش. ھەرقايسى دۆلەتلەر پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشكە ئېھتىياجلىق. بۇ يىل مېنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمنىڭ 10 يىللىقى. بۇ تەشەببۇسنىڭ تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى يىراقتىكى تۇغقانلار، يېقىندىكى قوشنىلار بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىش يېڭى چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بەخت يارىتىدىغان، دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدىغان «بەخت يولى»نى ئېچىشتىن ئىبارەت. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ۋە بىلىمدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى توپلاپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كۇبانىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئورتاق بەرپا قىلغان ئەنئەنىۋى دوستلۇق ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۈزلۈكسىز مول مېۋە بەردى. بۇلتۇردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ يەنە قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - كۇبا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. مەن يېڭى دەۋردە جۇڭگو بىلەن كۇبانىڭ پەن - تېخنىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

  يېقىندا، كۇبالىق داڭلىق ئالىم فىدېل رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆزى يېتەكچىلىك قىلغان كوللېكتىپنىڭ جۇڭگودا مېڭە ئىلمى تەتقىقاتى ۋە جۇڭگو - كۇبا نېرۋا تېخنىكىسى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى، داۋاملىق تۈردە جۇڭگو - كۇبا دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ دۇنيادا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ