مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى يېپىلدى

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

2023.11.03 09:08 مەنبە: خەلق تورى

   سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى 2-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا يېپىلدى، يىغىندا «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىدا كېڭىشىش مۇھاكىمە قىلىندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر بولدى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا زور قەدەم تاشلاندى. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى مەخسۇس تېمىسىدا كېڭىشىش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشايدىغان زامانىۋىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىمىز ۋە كۈچ چىقىرىمىز.

   ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم مەزگىل، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش يۆنىلىشى ۋە كۈچەش مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا تېپىش، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تولۇق كېڭىشىپ مۇزاكىرە قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، چارە-تەدبىر كۆرسىتىشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، تەتقىق قىلىش، تەھلىل قىلىشنىڭ ئۆزلىشىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ ۋەزىنلىك پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەت قىلىش ئورنىنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ساھە ۋە ئاممىغا يۈزلىنىپ پائال تەشۋىق قىلىپ، ھەرقايسى رايون ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتەك جانلىق ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئورتاق تونۇشىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش كېرەك.

   ۋاڭ خۇنىڭ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئورۇنداپ، خىزمەتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەش كېرەك.

   يېپىلىش يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى نىزامى» ماقۇللاندى.

   يېپىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شەندۇڭ داشۆسى كۇڭزىچىلىق ئالىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ۋاڭ شۆدىيەن تەكلىپكە بىنائەن «مىللەتلىرىنىڭ يىلتىزى ۋە روھىنى ساقلاپ، مىللەتلىرىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چۈنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتۇر، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ