يولداش لى كېچياڭنىڭ جەسىتى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلدى

2023.11.03 08:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى. خۇ جىنتاۋ گۈلچەمبىرەك ئەۋەتىپ تەزىيە بىلدۈردى

  يولداش لى كېچياڭنى جىددىي قۇتقۇزۇش مەزگىلىدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش لى كېچياڭنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى

  11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، يولداش لى كېچياڭنىڭ جەسىتى بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار باباۋشەنگە بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى، خۇ جىنتاۋ گۈلچەمبىرەك ئەۋەتىپ تەزىيە بىلدۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ لى كېچياڭنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي ھال سورىماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەشھۇر رەھبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17 - نۆۋەتلىك، 18 - نۆۋەتلىك، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق زۇڭلىسى يولداش لى كېچياڭنىڭ جەسىتى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى.

  يولداش لى كېچياڭ يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىش سەۋەبىدىن، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، 2023 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سائەت 0دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە شاڭخەيدە 68 يېشىدا ۋاپات بولدى.

  يولداش لى كېچياڭنى جىددىي قۇتقۇزۇش مەزگىلىدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش لى كېچياڭنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ زالى ھەيۋەتلىك سۈكۈتكە چۆمگەنىدى، ماتەم مۇزىكىسى بوش ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. زالنىڭ ئۇدۇل تېمىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «يولداش لى كېچياڭغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن قارا تەگلىك، ئاق خەتلىك پىلاكات، پىلاكاتنىڭ ئاستى تەرىپىگە يولداش لى كېچياڭنىڭ سۈرىتى ئېسىلغانىدى. يولداش لى كېچياڭنىڭ جەسىتى گۈل ۋە ئارچىلار ئارىسىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يېپىلغانىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9لاردا، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە ئاستا قەدەم بىلەن يولداش لى كېچياڭنىڭ جەسىتى ئالدىغا كېلىپ، سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى، يولداش لى كېچياڭنىڭ جەسىتىگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى ھەم يولداش لى كېچياڭنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ھال سورىدى. خۇ جىنتاۋ گۈلچەمبىرەك ئەۋەتىپ، يولداش لى كېچياڭنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.

  پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبىرىي يولداشلىرى بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى ياكى تۈرلۈك شەكىلدە تەزىيە بىلدۈردى. مەركىزىي كومىتېت ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، يولداش لى كېچياڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ