مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

​شى جىنپىڭ، لى چياڭ مۇھىم سۆز قىلدى جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتناشتى

2023.11.01 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  10 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە، مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  ■ پۇل مۇئامىلە خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى، دۆلەت يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

  ■ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماركسىزملىق پۇل مۇئامىلە نەزەرىيەسىنى ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىدا ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىنى ئاچتى، جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلغان قىممەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشىنى تۈپ مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش يولىدا پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش، پۇل مۇئامىلە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، پۇل مۇئامىلىگە دائىر ئېچىۋېتىش ۋە بىخەتەرلىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى. بۇ ئەمەلىيەت نەتىجىلىرى، نەزەرىيە نەتىجىلىرى تەستە قولغا كەلدى

  ■ ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ سىياسىيلىقى، خەلقچىللىقىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشنى نىشان قىلىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى باش تېما قىلىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پۇل مۇئامىلە قوشۇنىنىڭ ساپلىقى، كەسپىيلىكى، جەڭگىۋارلىقىنى مۇھىم تىرەك قىلىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرى يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، جۇڭگوچە زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

  مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. لى چياڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۇل مۇئامىلە خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى، دۆلەت يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماركسىزملىق پۇل مۇئامىلە نەزەرىيەسىنى ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىدا ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىنى ئاچتى، جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلغان قىممەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشىنى تۈپ مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش يولىدا پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش، پۇل مۇئامىلە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، پۇل مۇئامىلىگە دائىر ئېچىۋېتىش ۋە بىخەتەرلىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى. بۇ ئەمەلىيەت نەتىجىلىرى، نەزەرىيە نەتىجىلىرى تەستە قولغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سەگەكلىك بىلەن شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن، بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بەزىلىرى يەنە ناھايىتى گەۋدىلىك، ئىقتىساد ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپى يەنىلا بىرقەدەر كۆپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمەس، پۇل مۇئامىلىدىكى قالايمىقانچىلىق ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرى قايتا - قايتا چەكلەنسىمۇ تۈگىمىدى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز. پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ بۇ مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ سىياسىيلىقى، خەلقچىللىقىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشنى نىشان قىلىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى باش تېما قىلىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پۇل مۇئامىلە قوشۇنىنىڭ ساپلىقى، كەسپىيلىكى، جەڭگىۋارلىقىنى مۇھىم تىرەك قىلىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرى يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، جۇڭگوچە زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە، پۇل مۇئامىلە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ياخشى بولغان پۇل مۇئامىلە مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، مۇھىم ئىستراتېگىيە، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا بولغان ئەلا سۈپەتلىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىش كېرەك. پۇل سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، دەۋرىيلىك ھالقىپ تەڭشەش ۋە تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەشنى ياخشى ئىشلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پۇل سىياسىتى قورال ساندۇقىنى تولۇقلاش كېرەك. مەبلەغ تەمىناتى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىلغار ياسىمىچىلىق، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ئىشلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆۋەن ئۈنۈملۈك ئىگىلىۋېلىنغان پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى جانلاندۇرۇپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسى، يېشىل پۇل مۇئامىلە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇل مۇئامىلىسى، رەقەملىك پۇل مۇئامىلىدىن ئىبارەت بەش چوڭ ئىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. زامانىۋى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە بازار سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، مەبلەغنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا كىرىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كاپىتال بازىرىنىڭ تۈگۈنلۈك ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پاي چېكى تارقىتىشنى تىزىملاش تۈزۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كۆپ مەنبەلىك پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى راۋاجلاندۇرۇپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ سۈپىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەبلەغ سېلىش بانكىسى ۋە مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. زايوم بازىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاپپاراتلارنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ تىپتىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى سەرخىللاشتۇرۇش، كۈچەيتىشنى قوللاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاساسىي قوشۇن ۋە پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان تۇراقلاشتۇرغۇچ بولۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىجازەت ئۆلچىمىنى ۋە ئۇلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تەلىپىنى چىڭىتىپ، مەۋقەنى شۇ جاينىڭ خاسلاشقان تىجارەتنى قانات يايدۇرۇشىغا قويۇپ، سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇغۇرتا كەسپىنىڭ ئىقتىسادنىڭ تەۋرىنىشىنى پەسەيتكۈچلۈك ۋە جەمئىيەتنى مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بازار قائىدىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قائىدە بىرلىككە كەلگەن، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ماسلاشقان پۇل مۇئامىلە بازىرى بەرپا قىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك كاپىتالنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قانۇنىي ئىگىلەر ئىدارە قىلىشنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋى پۇل مۇئامىلە كارخانىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بانكىنىڭ كاپىتال مەبلىغىنى تولۇقلاش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەسىپ مەبلىغى بىلەن پۇل مۇئامىلە مەبلىغى خەۋپ - خەتىرىنى ئايرىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە ۋە ئىقتىساد بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش»قا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، چېگرا ھالقىغان مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل مەبلىغىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك كاپىتالنى جۇڭگوغا كېلىپ مۇلازىمەتنى كېڭەيتىش، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش كېرەك. شاڭخەي خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىش، شياڭگاڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، قانۇن بويىچە بارلىق پۇل مۇئامىلە پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئاپپاراتلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، رولىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئوچۇق شەكىلدە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، سىجىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتىكى بوشلۇق ۋە قاراڭغۇ رايوننى تۈگىتىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. يەرلىكنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۇيغۇنلاشقان ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مەركەز ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە بىلەن ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆي - زېمىن كارخانىلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەبلەغنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆي - زېمىن پۇل مۇئامىلىسىنى ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان مۈلۈكچىلىكتىكى ئۆي - زېمىن كارخانىلىرىنىڭ مۇۋاپىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى قاندۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، سىياسەت قورال ساندۇقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مۇتلەق خاراكتېرلىك ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قوللاپ، كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ قاتارلىق «ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇش»نى تېزلىتىپ، ئۆي - زېمىن تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنى قوغداپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ تارقىتىش ۋە سودا ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كۆزلىمىنى مۇۋاپىق يېتەكلەپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ رايون ھالقىپ، بازار ھالقىپ، چېگرا ھالقىپ تارقىلىش تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تاشقى پېرېۋوت بازىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولغان، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەش بىر - بىرىنى سىغدۇرىدىغان خەۋپ - خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك؛ تېز بولۇش ۋە مۇقىم بولۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، مۇقىم بولغان ئومۇمىي ۋەزىيەت ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ۋاقىت، ئۆلچەم، ئۈنۈمنى ئىگىلەپ، خەۋپ - خەتەرنى پۇختا، مۇۋاپىق تۈگىتىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ۋە چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى قەتئىي جازالاپ، ئەخلاق خەۋپ - خەتىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ خەۋپ - خەتەرنى بالدۇر پەرقلەندۈرۈپ، بالدۇر سىگنال بېرىپ، بالدۇر ئاشكارىلاپ، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىپ، قاتتىق چەكلىمىگە ئىگە پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنى بالدۇر تۈزىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ كاپالەت. پارتىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېت پۇل مۇئامىلە كومىتېتىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاش - ماسلاشتۇرۇش ئۆتكىلىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت پۇل مۇئامىلە خىزمەت كومىتېتىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. يەرلىك پارتىيە كومىتېتى پۇل مۇئامىلە كومىتېتى ۋە پۇل مۇئامىلە خىزمەت كومىتېتىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىقتىدار جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن پۇل مۇئامىلە كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، ئادىل يول بىلەن مەنپەئەتكە ئېرىشىش، سالماق، ئېھتىياتچان بولۇش، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىش، قانۇن - بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە نۇقتىلىق ساھەلىرى ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلىرىدە قانۇن چىقىرىشنى ۋاقتىدا ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلدى، ئۇ شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ پۇل مۇئامىلە مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىجادىي نەتىجىسى بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تۈپ مىزان ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشى، ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل كرېدىتىنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج قانۇنىيىتى ۋە يېڭى ئالاھىدىلىكىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پۇل بىلەن تەمىنلەش ئومۇمىي مىقدارى ۋە قۇرۇلمىسىنى قوش تەڭشەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، «چىقىرىش» ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى سالماق، ئېھتىياتچان، پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. ھازىرقى پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، سىياسەتنى يولغا قويۇش ۋە خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يۆتكىلىشچانلىقنىڭ مۇۋاپىق، تولۇق بولۇشى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنىڭ سىجىل تۆۋەنلىشىنى ساقلاپ، كاپىتال بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشكە تېخىمۇ ياخشى مەدەت بېرىپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى پەن - تېخنىكا، يېڭى مۇسابىقە يولى، يېڭى بازارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكنى تېز يېتىلدۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يىغىن روھىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، پۇل مۇئامىلە كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  خې لىفېڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى. جۇڭگو خەلق بانكىسى، پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى، بېيجىڭ شەھىرى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى، خۇبېي ئۆلكىسى، سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركىزىي كومىتېت پۇل مۇئامىلە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، قىسمەن كارخانىلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ