مۇھىم خەۋەرلەر

پۇتىن قانۇنغا ئىمزا قويۇپ «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش شەرتنامىسى» نى تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇردى

2023.11.07 03:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 11-ئاينىڭ 2-كۈنى بىر تۈرلۈك قانۇنغا ئىمزا قويۇپ، «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

  ئالاقىدار ھۆججەتلەر رۇسىيە قانۇن ئۇچۇر تور بېكىتىدە ئېلان قىلىندى. بۇ قانۇن رەسمىي ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى تور بېكىتى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشەندۈرۈش خاراكتېرلىك ماتېرىيال ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ قانۇن تۈزۈپ «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى يادرو ھەربىي كونترول ساھەسىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە باراۋەرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوف ئىلگىرى «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش رۇسىيەنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، دېگەنىدى.

  رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتى (پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسى) 10-ئاينىڭ 25-كۈنى «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە دۆلەت دۇماسى (پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى) بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان.

  «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسى» 1996-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ماقۇللانغان ھەمدە شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىمزالانغان. رۇسىيە 2000-يىلى بۇ شەرتنامىنى تەستىقلىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ