يولداش لى كېچياڭ ۋاپات بولدى

2023.10.27 14:27 مەنبە: خەلق تورى

  يولداش لى كېچياڭ ۋاپات بولدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17-، 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق زۇڭلىسى يولداش لى كېچياڭ يېقىندا شاڭخەيدە دەم ئېلىۋاتقان بولۇپ، 2023-يىل 10-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، 10-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 0 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە شاڭخەيدە 68 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. (مۇسىبەت خەۋىرى كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ)

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ