يولداش لى كېچياڭنىڭ جەسىتى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى كۆيدۈرۈلىدۇ، تيەنئەنمېن قاتارلىق جايلاردا بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ تەزىيە بىلدۈرۈلىدۇ

2023.10.31 13:37 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17-، 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق زۇڭلىسى يولداش لى كېچياڭنىڭ جەسىتى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلىدۇ.

  يولداش لى كېچياڭنىڭ جەسىتى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن شاڭخەيدىن بېيجىڭغا ئېلىپ كېلىندى.

  يولداش لى كېچياڭغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، 11-ئاينىڭ 2-كۈنى پايتەخت تيەنئەنمېن، شىنخۇامېن، خەلق سارىيى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، چېگرا پورتلىرى، تاشقى دېڭىز، ھاۋا پورتلىرى، جۇڭگونىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىدا بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ تەزىيە بىلدۈرۈلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ