شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى

قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئاياللار تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، كەڭ ئاياللارنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاياللار كۈچىنى قوشۇشقا تەشكىللەش ۋە سەپەرۋەر قىلىش كېرەك

سەي چى قاتناشتى

2023.11.01 08:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭنەنخەيدە مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  ■ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش پۈتۈن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئاياللارنىڭ رولى تەڭداشسىز. قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئاياللار تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، كەڭ ئاياللارنى ئۆز ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى ساقلاپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك

  ■ پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاياللار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاياللارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئاياللار ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئۆتكەن بەش يىلدا، ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېتەكلەش، مۇلازىمەت قىلىش، ئالاقىلىشىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، كەڭ ئاياللارنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ئاساسىي جەڭ مەيدانلىرىدا جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئىجادىي ئالغا سىلجىتىپ، ھوقۇقنى قوغداش، كۆيۈنۈش مۇلازىمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاياللار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتىدۇ

  ■ ئاياللار ئىشلىرى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىدە باشتىن ـ ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە بىلەن بىر مەقسەت، بىر سەپتە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، باشتىن ـ ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. باشتىن ـ ئاخىر سىياسىي جەھەتتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ساقلاپ، دۆلىتىمىز ئاياللار ئىشلىرىنىڭ سىياسىي خۇسۇسىيىتى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاياللارنى ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، كەڭ ئاياللارنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك

  ■ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىنىڭ كونكرېت ۋەزىپىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. كەڭ ئاياللارنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئۆز ئەۋزەللىكىنى ۋە پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك

  ■ ئائىلە ئىناق، ئائىلە تەربىيەسى ياخشى، ئائىلە ئىستىلى دۇرۇس بولغاندىلا، پەرزەنتلەر ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، جەمئىيەت ساغلام تەرەققىي قىلىدۇ. ئاياللار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاياللارنىڭ ئۆز تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئائىلە ئىناقلىقى، جەمئىيەت ئىناقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا، مىللەتنىڭ ئالغا بېسىشىغا مۇناسىۋەتلىك. ئائىلە ئىستىلى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، كەڭ ئاياللارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ياخشى ئائىلە ئىستىلى تۇرغۇزۇش جەھەتتىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئائىلە مەدەنىيلىكى يېڭى كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك. يېڭىچە ئۆيلىنىش ـ پەرزەنت كۆرۈش مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ياشلارنىڭ ئۆيلىنىش ـ مۇھەببەتلىشىش قارىشى، پەرزەنت كۆرۈش قارىشى، ئائىلە قارىشىغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پەرزەنت كۆرۈشنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇسنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ياشانغانلار كۆپىيىشكە پائال ھازىرلىق كۆرۈش كېرەك

  ■ ئاياللار، بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئەر ـ ئاياللار باراۋەرلىكى ۋە ئاياللار، بالىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى پائال تۈردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تۆۋەن كىرىملىك ئاياللار، ياشانغان ئاياللار، مېيىپ ئاياللار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاياللارغا كۆيۈنۈپ، يار ـ يۆلەك بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ كۆچمە نوپۇستىكى بالىلار، ئۆيدە قالغان بالىلارغا كۆيۈنۈش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتىنى دائىم ئىشلەش، دائىم تۇتۇش، ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

  ■ ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاياللار ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلايدىغان كۆۋرۈك، ۋاسىتە. سىياسىيلىق، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، ئاساس سېلىش، ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاياللار بىرلەشمىسىدە پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاياللار ئويلاۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ۋە ئاياللار خىزمىتىدە جىددىي ۋە ئېھتىياجلىق بولغان ئىشلارنى ئىگىلەپ، بايلىق ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ كۆپ مايىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلات، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلات، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپى قاتارلىق يېڭى ساھەلەردە ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى قۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تور ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاياللار ئاممىسى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئاياللار بىرلەشمىسى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاياللار ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، كەڭ ئاياللار ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاياللار ساھەسىدىكى خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك

  ■ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە ئاياللار خىزمىتىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەر ـ ئاياللار باراۋەر بولۇش ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن مەدەت بىلەن تەمىنلىشى، شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئاياللار، بالىلار خىزمىتى كومىتېتى فۇنكسىيەلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك ـ ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاياللار، بالىلار ئىشلىرى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك

  ■ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدە مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش پۈتۈن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئاياللارنىڭ رولى تەڭداشسىز. قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئاياللار تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، كەڭ ئاياللارنى ئۆز ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى ساقلاپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى كوللېكتىپ سۆھبەتلىشىشكە قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاياللار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاياللارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئاياللار ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئۆتكەن بەش يىلدا، ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېتەكلەش، مۇلازىمەت قىلىش، ئالاقىلىشىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، كەڭ ئاياللارنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ئاساسىي جەڭ مەيدانلىرىدا جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئىجادىي ئالغا سىلجىتىپ، ھوقۇقنى قوغداش، كۆيۈنۈش مۇلازىمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاياللار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاياللار ئىشلىرى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىدە باشتىن ـ ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە بىلەن بىر مەقسەت، بىر سەپتە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، باشتىن ـ ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. باشتىن ـ ئاخىر سىياسىي جەھەتتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ساقلاپ، دۆلىتىمىز ئاياللار ئىشلىرىنىڭ سىياسىي خۇسۇسىيىتى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاياللارنى ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، كەڭ ئاياللارنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىنىڭ كونكرېت ۋەزىپىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. كەڭ ئاياللارنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئۆز ئەۋزەللىكىنى ۋە پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئائىلە ئىناق، ئائىلە تەربىيەسى ياخشى، ئائىلە ئىستىلى دۇرۇس بولغاندىلا، پەرزەنتلەر ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، جەمئىيەت ساغلام تەرەققىي قىلىدۇ. ئاياللار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاياللارنىڭ ئۆز تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئائىلە ئىناقلىقى، جەمئىيەت ئىناقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا، مىللەتنىڭ ئالغا بېسىشىغا مۇناسىۋەتلىك. ئائىلە ئىستىلى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، كەڭ ئاياللارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ياخشى ئائىلە ئىستىلى تۇرغۇزۇش جەھەتتىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئائىلە مەدەنىيلىكى يېڭى كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك. يېڭىچە ئۆيلىنىش ـ پەرزەنت كۆرۈش مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ياشلارنىڭ ئۆيلىنىش ـ مۇھەببەتلىشىش قارىشى، پەرزەنت كۆرۈش قارىشى، ئائىلە قارىشىغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پەرزەنت كۆرۈشنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇسنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ياشانغانلار كۆپىيىشكە پائال ھازىرلىق كۆرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاياللار، بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئەر ـ ئاياللار باراۋەرلىكى ۋە ئاياللار، بالىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى پائال تۈردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تۆۋەن كىرىملىك ئاياللار، ياشانغان ئاياللار، مېيىپ ئاياللار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاياللارغا كۆيۈنۈپ، يار ـ يۆلەك بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ كۆچمە نوپۇستىكى بالىلار، ئۆيدە قالغان بالىلارغا كۆيۈنۈش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتىنى دائىم ئىشلەش، دائىم تۇتۇش، ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاياللار ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلايدىغان كۆۋرۈك، ۋاسىتە. سىياسىيلىق، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، ئاساس سېلىش، ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاياللار بىرلەشمىسىدە پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاياللار ئويلاۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ۋە ئاياللار خىزمىتىدە جىددىي ۋە ئېھتىياجلىق بولغان ئىشلارنى ئىگىلەپ، بايلىق ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ كۆپ مايىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلات، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلات، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپى قاتارلىق يېڭى ساھەلەردە ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى قۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تور ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاياللار ئاممىسى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئاياللار بىرلەشمىسى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاياللار ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، كەڭ ئاياللار ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاياللار ساھەسىدىكى خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە ئاياللار خىزمىتىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەر ـ ئاياللار باراۋەر بولۇش ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن مەدەت بىلەن تەمىنلىشى، شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئاياللار، بالىلار خىزمىتى كومىتېتى فۇنكسىيەلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك ـ ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاياللار، بالىلار ئىشلىرى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شېن يىچىن مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو ئاياللار مەملىكەتلىك 13 ـ قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئويلىنىشنى دوكلات قىلدى. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ شياۋۋېي، مېڭ مەن، ۋاڭ ياپىڭ سۆز قىلدى.

  شى تەيفېڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، چېن ۋېنچىڭ، ليۇ جىنگو سۆھبەتكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ