شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 9 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2023.10.30 09:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ■ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش − ھەر مىللەت خەلقنى جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان، ھايات ـ ماماتتا بىللە بولىدىغان، تەقدىرداش بولىدىغان ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەشتىن ئىبارەت. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يېڭى باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  ■ قەدىمدىن تارتىپ، دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى ئورتاق ياراتتى، ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. پارتىيەمىز ئەزەلدىن مىللەتلەر مەسىلىسى، مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ كەلدى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئىدىيەلەرنى تەكىتلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىش، مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەنى شەكىللەندۈرۈپ، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى

  ■ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم تاشلىدى، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرگە دۇچ كەلدى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا، بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. بىز ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ شان ـ شەرەپتىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشىمىز كېرەك

  ■ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئىلمىي، مۇكەممەل بولغان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى نەزەرىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا ئېھتىياجلىق. مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخىغا قويۇپ، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىي لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسىغا ئەمەل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى داۋلى، ئىلمىي قائىدە ۋە پەلسەپەۋى قائىدىلەرنى ئىلمىي كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك

  ■ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىش كېرەك. جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىختىن كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، ئەنئەنىۋىلىكتىن زامانىۋىلىققا يۈزلىنىش، كۆپ مەنبەدىن بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇشقىچە بولغان تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن پۇختا روھىي ۋە مەدەنىيەت ئاساسى سېلىش كېرەك

  ■ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسى مۇقەررەر ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش جەريانى، مۇقەررەر ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش جەريانى. جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىش كېرەك

  ■ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى نەزەرىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت گۈزەل ئارزۇسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش كېرەك

  ■ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر تۈرلۈك فاڭجېن ـ سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز رايونى، ئۆز ئورنىدىكى مىللەتلەر خىزمىتىگە ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدا 9 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش − ھەر مىللەت خەلقنى جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان، ھايات ـ ماماتتا بىللە بولىدىغان، تەقدىرداش بولىدىغان ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەشتىن ئىبارەت. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يېڭى باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى يولداش ۋاڭ يەنجۇڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مۇزاكىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: قەدىمدىن تارتىپ، دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى ئورتاق ياراتتى، ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. پارتىيەمىز ئەزەلدىن مىللەتلەر مەسىلىسى، مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ كەلدى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئىدىيەلەرنى تەكىتلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىش، مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەنى شەكىللەندۈرۈپ، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم تاشلىدى، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرگە دۇچ كەلدى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا، بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. بىز ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ شان ـ شەرەپتىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئىلمىي، مۇكەممەل بولغان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى نەزەرىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا ئېھتىياجلىق. مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخىغا قويۇپ، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىي لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسىغا ئەمەل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى داۋلى، ئىلمىي قائىدە ۋە پەلسەپەۋى قائىدىلەرنى ئىلمىي كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك. پەنلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەنلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەتقىقات يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىگە دائىر مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئۆز ـ ئۆزىگە ئىگە بولغان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخىي ماتېرىيال سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسى، نەزەرىيە سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كەڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ياش مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇلار ئۈچۈن يۆنىلىشنى ياخشى ئىگىلەپ، سۇپا ھازىرلاپ بېرىپ، پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش، ئارتۇقچىلىقىنى تەدرىجىي جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، جۇڭگو تارىخىنى مەۋقە قىلغان، جۇڭگو ئەمەلىيىتىنى چۈشەندۈرىدىغان، جۇڭگو مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىدىغان ئىجادىي نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى يارىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىش كېرەك. جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىختىن كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، ئەنئەنىۋىلىكتىن زامانىۋىلىققا يۈزلىنىش، كۆپ مەنبەدىن بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇشقىچە بولغان تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن پۇختا روھىي ۋە مەدەنىيەت ئاساسى سېلىش كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىغا يۈزلىنىپ پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەشۋىقات ـ تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق غايە ـ ئېتىقاد ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى چوڭقۇر يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك. قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللەت روھىنى، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ۋە ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىش كۆتۈرەڭگۈ روھىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر گېنى ۋە دەۋر قىممىتىنى تەتقىق قىلىپ ۋە قېزىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ روھى، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئوبرازىنى ئىپادىلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى قوللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، دۆلەت بىرتۇتاش تۈزگەن دەرسلىكنى ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، تىل ئورتاقلىقى ئارقىلىق قەلب ئورتاقلىقىنى، تەقدىر ئورتاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسى مۇقەررەر ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش جەريانى، مۇقەررەر ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش جەريانى. جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىش كېرەك. ھەر مىللەت ئاھالىسىنىڭ يۆتكىلىشى، يۇغۇرۇلۇپ ئولتۇراقلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىللە ئولتۇراقلىشىدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان جەمئىيەت شارائىتى يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى مىللەتلەر رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، مىللەتلەر رايونىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ـ كاپالەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىغا ئادىل نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر سىياسىتى ۋە قانۇن ـ نىزام سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى نەزەرىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت گۈزەل ئارزۇسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش كېرەك. مىللەتكە ئالاقىدار تەشۋىقاتنىڭ تارقىتىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تارقىتىش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، تارقىتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشىدىكى ئىشەنچلىك كاپالەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق سۆزلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قۇدرەتلىك قەلبتىن ئېتىراب قىلىش دەرىجىسى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىگە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق سۆزلەش، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى ئېنىق سۆزلەش كېرەك. جۇڭگو ـ چەت ئەل ئىلىم ـ پەن ساھەسى، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر تۈرلۈك فاڭجېن ـ سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز رايونى، ئۆز ئورنىدىكى مىللەتلەر خىزمىتىگە ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ