مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ كلاسسىك نادىر ئەسەرلىرىنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىش ئەسلەتمىسى ئەنقەرەدە ئىمزالاندى

2023.11.07 03:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 2-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ گاڭ تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى نادىر ئالپئارسلان بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات مەھكىمىسى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ كىلاسسىك نادىر ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىش توغرىسىدىكى ئەسلەتمىسى»نى ئىمزالىدى، بۇ جۇڭگو-تۈركىيە نەشرىياتچىلىق ساھەسى، مەدەنىيەت ساھەسى، ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ جۇڭگو-تۈركىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ جانلىق ئىپادىسى.

  ئەسلەتمىگە ئاساسەن، جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئىككى دۆلەتنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرى ۋە مۇھىم ئەسەرلىرىنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىشنى قوللايدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرى ئارقىلىق جۇڭگو-تۈركىيە خەلقىنىڭ سۆزلىشىشىدىكى كۆۋرۈك سېلىپ، جۇڭگو-تۈركىيە مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئادىمىيەت كۈچى قوشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ