مۇھىم خەۋەرلەر

ئىئوردانىيە پادىشاھى پەلەستىننى پارچىلايدىغان ھەرقانداق غەرەزنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2023.11.07 03:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى بىلەن غەزە رايونىنىڭ پەلەستىننىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، پەلەستىننى پارچىلايدىغان ھەرقانداق غەرەزنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئىئوردانىيە ئوردىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەرەب دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنى شۇ كۈنى ئىئوردانىيە پايتەختى ئامماندا ئۆتكۈزۈلدى، ئىئوردانىيە، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ۋە پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى يىغىنغا قاتناشتى. ئابدۇللاII يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىلەن كۆرۈشكەندە يۇقىرىقىدەك ئىپادە بىلدۈردى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئابدۇللاII ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ غەزە رايونى ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىشىشىنى توسۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە غەزە رايونىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قارىدى.

  ئابدۇللاII يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىشى پۈتكۈل رايونغا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» ئاساسىدا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئىئوردانىيە ئوردىسى ئېلان قىلغان يەنە بىر باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئابدۇللاII شۇ كۈنى زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەندە غەزە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلىپ، غەزە بەلبېغىغا داۋاملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ