مۇھىم خەۋەرلەر

تۈركىيە ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى

2023.11.07 03:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن پۇقرالىرىغا داۋاملىق زەربە بەرگەنلىكى ۋە غەزە رايونىدا پەيدا بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك تراگېدىيىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى رەت قىلىپ ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ غەزە رايونىغا كىرىشىگە ياردەم بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ھەمدە پۇقرالارغا داۋاملىق زەربە بېرىپ، غەزە رايونىدا ئىنسانپەرۋەرلىك تراگېدىيەسى پەيدا قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈركىيە ئىسرائىلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلدى، دېدى.

  ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ مۇناسىۋىتى نەچچە قېتىم ياخشىلىنىپ يەنە يامانلاشتى. 2022-يىل 8-ئايدا، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، قايتىدىن ئۆزئارا باش ئەلچى ئەۋەتىشتى. بۇ قېتىمقى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە يېڭى بىر نۆۋەتلىك توقۇنۇشى مەزگىلىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنە بىر قېتىم پەسكويغا چۈشۈپ قالدى. ئىسرائىلىيە غەزە رايونىغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغاندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئىسرائىلىيە پۇقرالارغا «ياۋايىلارچە ھۇجۇم قىلدى» دەپ قارىدى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ غەزە رايونىدىكى ھەرىكىتىنى «چوڭ قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىدى. 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىسرائىلىيە تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەلدى ھەمدە ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەگە بېرىشىغا بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ