مۇھىم خەۋەرلەر

پۇتىن قانۇن ئىمزالاپ، «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاشنى بىكار قىلدى

2023.11.03 14:41 مەنبە: خەلق تورى

  پۇتىن قانۇن ئىمزالاپ، «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاشنى بىكار قىلدى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 2-چېسلا بىر تۈرلۈك قانۇنغا ئىمزا قويۇپ، «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئالاقىدار ھۆججەتلەر رۇسىيە قانۇن ئۇچۇر تور بېكىتىدە ئېلان قىلىندى. بۇ قانۇن رەسمىي ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى تور بېكىتى 2-چېسلا چۈشەندۈرۈش خاراكتېرلىك ماتېرىيال ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىكى مەقسىتى يادرو ھەربىي كونترول قىلىش ساھەسىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەجبۇرىيەت باراۋەرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف بۇنىڭدىن ئىلگىرى «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش رۇسىيەنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، دېگەن ئىدى.

  رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتى (پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسى) 10-ئاينىڭ 25-كۈنى «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، رۇسىيە دۆلەت دۇماسى (پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى) بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان.

  «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسى» 1996-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ماقۇللانغان، ھەمدە شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 24- كۈنى ئىمزالاشقا ئېچىۋېتىلگەن. رۇسىيە 2000-يىلى بۇ شەرتنامىنى تەستىقلىغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ