«شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنەيلى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2023.10.27 14:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەشكىللەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنەيلى» ناملىق كىتاب يېقىندا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  بۇ كىتابتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، مەخسۇس تېمىلار بويىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ زور ئەھمىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىيەت تەلىپى بايان قىلىنغان. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، خەلق قەلبىگە تۇتاش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر كۆرسەتتى، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرىدىغان، ئۇللۇق خىزمەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىدىن ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، ئاساسىي ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى، خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى خەلق ئىشلىرى ئىسلاھات، تەرەققىياتىدىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە سىستېمىلىق جاۋاب بەردى، بۇ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ خەلق ئىشلىرى ساھەسىدىكى كونكرېت ئىپادىسى، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ۋە قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە خەلق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ