مۇھىم خەۋەرلەر

2034-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغان دۆلەت بېكىتىلدى

2023.11.03 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە-ئىقتىساد «مالىيە-ئىقتىساد دەل ۋاقتىدا» سەھىپىسىنىڭ سىن كۆرۈنۈشى

  خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ھۆكۈمەت تەرەپ 2034-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش مۇددىئانامىسىنى تاپشۇرۇش ۋاقتىنىڭ 10-ئاينىڭ 31-كۈنى رەسمىي ئاياغلاشقانلىقىنى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 2034-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان بىردىنبىر دۆلەت بولۇپ قالغانلىقىنى جاكارلىدى. خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىنفانتىنو 11-ئاينىڭ 1-كۈنى شەخسىي ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى ئارقىلىق، 2034-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى باھالاپ بولغاندىن كېيىن، 2024-يىلى 4-پەسىلدىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يىغىنىدا ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇننى بېكىتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ