مۇھىم خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ئىسرائىلىيە غەزە رايونىدا ئۇرۇش توختاتمايدۇ، دېدى

2023.11.02 21:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانىياخۇ يېقىندا تېل-ئاۋىۋدا ئۆتكۈزۈلگەن چەتئەل مۇخبىرلىرى يىغىنىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەزە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىشى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس)گە تەسلىم بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ، دېدى.

  نېتانىياخۇ 10-ئاينىڭ 7-كۈنى بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئىزچىل «ئۇرۇش ھالىتى»دە تۇرۇپ كەلدى، ئىسرائىلىيە بۇ ئۇرۇشتا يېڭىدۇ، دېدى.

  شۇ كۈنى، نېتانىياخۇ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئىچكى كابېنت يىغىنىدا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا خاماسقا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىدە «سىستېمىلىق ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلمەكتە، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى غەزە رايونىدىكى يەر يۈزى ھەرىكىتىنى كېڭەيتتى، دېدى.

  ب د ت يىغىنىنىڭ جىددىي ئالاھىدە يىغىنى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى قارار ماقۇللاپ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىندىكى توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپنى دەرھال ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ئارقىلىق ئۇرۇشنى توختىتىپ، دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىگە خاتىمە بېرىشكە مۇراجىئەت قىلدى. ئىسرائىلىيە شۇ كۈنى ب د ت نىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ غەزە رايونىغا داۋاملىق ھاۋا ھۇجۇمى قىلىدىغانلىقىنى ۋە يەر يۈزىدە زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خاماسقا قاراشلىق قوراللىق گۇرۇھ كاسان لۈسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ قوراللىق خادىملىرىنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يەر يۈزى تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ