شى جىنپىڭ ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ئىشتات باشلىقى نيۇسون بىلەن كۆرۈشتى

2023.10.27 14:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ئىشتات باشلىقى نيۇسون بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت يەرشارىدىكى ئالدىنقى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئاشىدۇ، نوپۇس ئومۇمىي سانى دۇنيا نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا يېقىننى ئىگىلەيدۇ، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى دۇنيا سودا سوممىسىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇشى ئىنتايىن زىچ. جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە، نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان سىياسىتى ئىزچىل ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش بولۇپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق مۇشۇ يۆنىلىشكە قاراپ تىرىشىدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ ئىلگىرى كالىفورنىيە ئىشتاتىدا زىيارەتتە بولغان ئەھۋاللارنى خۇشاللىق بىلەن ئەسلەپ، جۇڭگونىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش ھەمدە ئالاقىدار جايلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى توپلاشقا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى خەلق ئارىسىدا، ئۈمىد خەلقتە، كەلگۈسى ياشلاردا، ھاياتىي كۈچى يەرلىكتە. مەن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ ئالاقىسى ۋە يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن ۋە ئۇنى قوللايمەن. بۇ قېتىمقى زىيارىتىڭىزنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېشىل تەرەققىيات، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئىككى تەرەپ بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇنى جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسى قىلىپ بەرپا قىلسا تامامەن بولىدۇ.

  نيۇسون مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىنى قايىل قىلىدۇ. دۇنيادا ھېچقانداق باشقا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىنمۇ بەكرەك مۇھىم بولۇپ باققان ئەمەس، ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا خەلقنىڭ بەختىگە مۇناسىۋەتلىك. يەرلىكنىڭ ئالاقىسى ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. تارىختا جۇڭگولۇقلار كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان، كالىفورنىيە ئىشتاتى ئىزچىل ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىشىدىكى مۇھىم دەرۋازا بولۇپ كەلدى. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك پىرىنسىپىنى قۇۋۋەتلەيمەن، ئوخشاش روھ بىلەن كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايمەن. كالىفورنىيە ئىشتاتى جۇڭگونىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇقىم، كۈچلۈك ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ