مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەشنى مۇراجىئەت قىلدى

2023.08.28 22:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ 8-ئاينىڭ 25-كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى بويىچە ئاشكارا يىغىندا، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشتىن ساقلىنىپ، تېررورلۇقنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىنى تۈگىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېررورچىلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى كەڭ، تەشكىلىي تورى مۇرەككەپ، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى كۆپ، پەقەت بىر دۆلەتنىڭ كۈچىگە تايىنىپ تاقابىل تۇرۇش تەس. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ «كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم» دەپ كۆرسىتەتتى. ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە يادرولۇق ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرى ھەم «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنياۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى ئەڭ كەڭ بىرلىك سەپ بەرپا قىلىشى كېرەك.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى بېكىتكەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە شەخسلەرگە قارىتا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار جازالاش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىش ۋە تاللاپ تەتبىقلاش ماھىيەتتە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە يول قويۇپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈنۈمىگە زىيان يەتكۈزگەنلىك. جۇڭگو تەرەپ تېررورىزمنى مۇئەييەن دۆلەت، مىللەت ۋە دىن بىلەن چېتىشقا قارشى تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە دىن ئەركىنلىكىنى قوغداش نىقابى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پەيدا بولۇشى، راۋاجلىنىشى ۋە زوراۋانلىق ھۇجۇمى قىلىشىغا يول قويۇشقا قارشى تۇرىدۇ.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: تەرەققىيات يېتەرلىك بولماسلىق تېررورىزمنىڭ تەرەققىي قىلىپ يامرىشىدىكى مەنبەلەرنىڭ بىرى. خەلقئارا جەمئىيەت تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقنى تۈگىتىش، مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ قايمۇقتۇرۇشى ۋە قۇترىتىشىغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. باش كاتىپ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، رايون توقۇنۇشى تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ ئېشىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب ئىكەن. ھەرقايسى تەرەپلەر قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى تېزلىتىپ، ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ئىش چىقىرىش پۇرسىتى بەرمەسلىكى كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر يەنە ئوخشاشمىغان مەدەنىيلىك، ئوخشاشمىغان دىنلار ئارىسىدىكى باراۋەر سۆزلىشىش، ئىناق بىللە تۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاتالمىش «مەدەنىيلىك توقۇنۇشى نەزەرىيەسى»نى چۆرۈپ تاشلاپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ياشاش بوشلۇقىنى تارايتىشى كېرەك.

  گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان، پاكىستان بىلەن ئىراندا ئىلگىرى-كېيىن تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر تالاپەت كۆرۈلدى. بۇ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، تېررورلۇققا زەربە بېرىشتە يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، خەلقئارا جەمئىيەت ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ يامرىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن توسۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بارلىق شەكىلدىكى تېررورلۇقنى ئەيىبلەيدۇ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىغا ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە پائال قاتنىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ «جۇڭگو __ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات فوندى» ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى قاتارلىق ئاپپاراتلارنى تەربىيەلەپ، ئۈسكۈنە بىلەن قوللاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشىگە ياردەم بەردى. جۇڭگو يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى قاتارلىق رامكا ئىچىدە رايون دۆلەتلىرى بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تېررورىزمغا زەربە بېرىپ، خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى ئورتاق قوغداپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تىنچ، ئىناق دۇنيا يارىتىپ بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ