شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىلەن سۆھبەتلەشتى

2023.08.23 09:32 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پىرېتورىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىلەن سۆھبەتلەشتى. شۇ كۈنى چۈشتە، رامافۇسا زۇڭتۇڭ سارىيىدا شى جىنپىڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: زىياپەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ بىلەن رامافۇسا قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پىرېتورىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن كېيىن، رامافۇسا شى جىنپىڭغا «جەنۇبىي ئافرىقا ئوردېنى» بەردى، بۇ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مۇھىم دوست دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىغا بېرىدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوردېنى ۋە ئەڭ ئالىي شان - شەرىپى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پىرېتورىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى.

  8 - ئايدىكى پىرېتورىيەنىڭ ئاسمىنى سۈپسۈزۈك بولۇپ، مەيىن شامال كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى مەيدانىدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغانىدى، جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى شامالدا لەپىلدەپ تۇراتتى. زۇڭتۇڭ موتوسىكلىت ئەترىتىنىڭ قوغدىشىدا، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە يېتىپ كەلدى، رامافۇسا ئاپتوموبىلدىن چۈشىدىغان جايدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قورال تۇتۇپ سالام بەردى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، نەق مەيداندا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خادىملىرى بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

  قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ مېنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى سالاھىيىتى بىلەن 4 - قېتىم جەنۇبىي ئافرىقىدا زىيارەتتە بولۇشۇم. 10 يىلدىن بۇيان، مەن جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنى باشتىن ئۆتكۈزدۈم. جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولۇشى، جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ چوڭقۇر بولۇشىدىكى ئاچقۇچ − ئىككى دۆلەت، ئىككى پارتىيەنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات يولىدا مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقانلىقىدا. ھازىر، جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، جەنۇبىي ئافرىقا ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىرىنچى، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك. «يولداش ھەم قېرىنداش» مۇناسىۋىتى جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ خىسلىتى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، پارتىيە، ئارمىيە، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، داۋاملىق تۈردە بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن پارتىيەلەر ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسى ئافرىقىنى گۈللەندۈرۈش رەھبەرلىك كۈچى شۆيۈەنىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

  ئىككىنچى، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان تەرەققىيات ھەمراھلىرىدىن بولۇشى كېرەك. ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ روشەن ئاساسىي رېڭى. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ «توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇش»ى ۋە «جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا 10 يىللىق ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئەۋزەل ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ. نامراتلارنى ئازايتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى تۈرىنى يولغا قويۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

  ئۈچىنچى، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ئۆزئارا ئىناق ئۆتىدىغان دوستانە ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك. خەلق رىشتىنىڭ تۇتۇشىشى ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا كەسپىي مائارىپ ئىتتىپاقى، «كەلگۈسىدىكى ئافرىقا − جۇڭگو - ئافرىقا كەسپىي مائارىپ ھەمكارلىق پىلانى» قاتارلىق مېخانىزملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەسپىي مائارىپنى كۈچەيتىش، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا جىددىي ئېھتىياجلىق تېخىمۇ كۆپ تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ساياھەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە بىرلەشمە تەتقىقاتنى كۈچەيتىشىنى قوللاپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن ئىككى دۆلەت خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەندۈرۈشى كېرەك.

  تۆتىنچى، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ھەققانىيەتنى قوغدايدىغان يەرشارىۋى ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك. مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش بىز ئورتاق چىڭ تۇرىدىغان پىرىنسىپ. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «جەنۇبىي يەرشارى» دۆلەتلىرىنىڭ يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە تەرەققىيات بوشلۇقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان تۈزۈم، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت، ئوخشاش بولمىغان رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلغانلىقىدەك قالتىس ھېكايىلەرنى يېزىپ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىدىكى بىر ئالتۇن خەتلىك داڭلىق ماركىغا ئايلاندى. جەنۇبىي ئافرىقا بۇ قېتىمقى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپتۇ، مەن بۇنى يۈكسەك ئالقىشلايمەن. مەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە يېڭى دەۋردىكى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، ئۇچرىشىشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئەزەلدىن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيا ئالدىدا، جۇڭگو ۋە ئافرىقا ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشكە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق. جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئافرىقىنىڭ سانائەتلىشىش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ئافرىقا رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىشنى، يىغىنغا قاتناشقان باشقا ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  رامافۇسا مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 4 - قېتىم جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى كۈتۈۋالغالىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. جۇڭگو جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە جەنۇبىي ئافرىقىغا قىممەتلىك مەدەت بەردى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى قاتارلىق مۈشكۈل پەيتلەردە جىددىي ياردەم بەردى، جۇڭگو جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سەمىمىي قېرىندىشى، دوستى ۋە ھەمراھى. جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت بىردەك ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە ئىنتىلىدۇ، نۇرغۇن مۇھىم، زور خەلقئارا ئىشلاردا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەيدانغا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 25 يىلدىن بۇيان، جەنۇبىي ئافرىقا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ ئالاقىسى قويۇقلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىشى ۋە ھەمكارلىقى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە جەنۇبىي يەرشارى دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە نامراتلارنى ئازايتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش، سودا، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ياسىمىچىلىق، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ.

  رامافۇسا مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈنكى دۇنيا جۇغراپىيەلىك سىياسىي، ئېنېرگىيە كىرىزىسى قاتارلىق كۆپ خىل كەسكىن، مۇرەككەپ خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. مەن رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش تەشەببۇسىنى تامامەن قوللايمەن. جەنۇبىي ئافرىقا ۋە باشقا جەنۇبىي يەرشارى دۆلەتلىرى بىردەك جۇڭگو بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى، خىرىسقا تېخىمۇ ياخشى ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، تېخىمۇ باراۋەر، ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. جەنۇبى ئافرىقا تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوغداپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ئافرىقا رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئافرىقا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي يەرشارى دۆلەتلىرىنىڭ يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگو - ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

  سۆھبەتتىن كېيىن، رامافۇسا شى جىنپىڭغا «جەنۇبىي ئافرىقا ئوردېنى» بەردى، بۇ، جەنۇبىي ئافرىقا مۇھىم دوست دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىغا بېرىدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوردېن ۋە ئەڭ ئالىي شان - شەرەپ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، يېڭى ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون ۋە سانائەت باغچە رايونى، كۆك ئىقتىساد، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئالىي مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

  شۇ كۈنى چۈشتە، رامافۇسا زۇڭتۇڭ سارىيىدا شى جىنپىڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

  سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ