شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى روھىدا چىڭ تۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئارقىلىق ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2023.08.25 09:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ جاي ۋاقتى 8 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشى جوھاننىسبۇرگ شەنتېڭ يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ۋە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن (توردا) قاتناشتى. شى جىنپىڭ «ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىياتنى پىلانلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 8 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشى جوھاننىسبۇرگ شەنتېڭ يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ۋە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن (توردا) قاتناشتى. سۈرەتتە: ئۇچرىشىش مەزگىلىدە، بەش دۆلەت رەھبەرلىرى كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 8 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشى جوھاننىسبۇرگ شەنتېڭ يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ۋە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن (توردا) قاتناشتى. بەش دۆلەت رەھبەرلىرى «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا: ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر ـ بىرىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىغدۇرۇشچان كۆپ تەرەپچىللىكنى كۈچەيتىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  شى جىنپىڭ «ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىياتنى پىلانلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ، چوڭ تەڭشىلىش، چوڭ بۆلۈنۈش، چوڭ قايتا تەشكىللىنىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى خەلقئارا ئەندىزە يارىتىشتىكى مۇھىم كۈچ. بىز تەرەققىيات يولىمىزنى ئۆز ئالدىمىزغا تاللاپ، تەرەققىيات ھوقۇقىمىزنى ئورتاق قوغداپ، زامانىۋىلىشىشقا ئورتاق يۈزلەندۇق، بۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، جەزمەن دۇنيانىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. تارىخنى ئەسلىسەك، بىز باشتىن ـ ئاخىر ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى روھىدا چىڭ تۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، بەش دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتۇق؛ باشتىن ـ ئاخىر خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئادالەتنى ياقلاپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆز ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇردۇق. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىزچىل مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ تەشەببۇسچىسى، ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىسى بولۇپ كەلدى، مۇھىم، زور خەلقئارا مەسىلىلەردە ئىشنىڭ ھەق ـ ناھەق، توغرا ـ خاتالىقىدىن چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادىل گەپ قىلىپ، ئادىل ئىش قىلىپ، پىرىنسىپ بىلەن سودىلاشماي، تاشقى بېسىمغا باش ئەگمەي، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بېقىندىسى بولماي كەلدى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ كەڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ئورتاق نىشانى بار، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەمكارلىشىش ئەسلىي مەقسىتى، ئورتاق ئارزۇسى ئۆزگەرمەيدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ. بىز چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتا ئۆزگىرىش ياساشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق، مۇقىملىق، ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

  بىز ئىقتىساد ـ سودا، مالىيە ـ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك. تەرەققىيات ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەھرۇم قىلىشقا بولمايدىغان ھوقۇقى، ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ «پاتېنتى» ئەمەس. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەرەققىيات گۈللىنىش يولىدىكى بىللە يۈرگۈچىلەردىن بولۇپ، «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»كە، ئىقتىسادىي تەھدىتكە قارشى تۇرۇشى كېرەك. دىققەتنى ئەمەلىي ھەمكارلىققا، بولۇپمۇ رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، تەمىنلەش زەنجىرى قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو «جۇڭگو − كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى دەۋر پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە يېتىلدۈرۈش باغچىسى» تەسىس قىلىپ، «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يەرشارىۋى يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھى سانلىق مەلۇماتى ۋە ئۇنى قوللىنىش ھەمكارلىق سۇپىسى» قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيە، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىياتىنى سانلىق مەلۇمات مەدىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كەسىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى»نى ئورتاق بەرپا قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 ـ يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە تۈر ھەمكارلىقى سۇپىسى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

  بىز سىياسىي خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى قوغدىشىمىز كېرەك. ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى بولغان بىخەتەر مۇھىتنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. خەلقئارا خەۋپسىزلىكنى پارچىلىۋېتىشكە بولمايدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇتلەق خەۋپسىزلىكىنى كۆزلىگەندە، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تىنچ تەرەققىي قىلىش چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى پائال ياراشتۇرۇپ، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى پەسەيتىشى ۋە تۈگىتىشى كېرەك. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئورتاق ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىدىغان خەلقئارا مېخانىزم ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇشقا ئىگە بولغان ئىدارە قىلىش رامكىسى ۋە ئۆلچەم ـ قائىدىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئىشەنچلىكلىكى، تىزگىنلىنىشچانلىقى، ئادىللىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  بىز ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. مەدەنىيلىك رەڭدار بولۇش، تەرەققىيات يولى كۆپ مەنبەلىك، كۆپ خىل بولۇش − دۇنيادا بولۇشقا تېگىشلىك قىياپەت. ئىنسانىيەت تارىخى بىر خىل مەدەنىيلىك، بىر خىل تۈزۈم بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەممىنى سىغدۇرالايدىغان كەڭ قورساقلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇشى، ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى تىركىشىش، تۈزۈم جەھەتتىكى قارشىلىشىش، «مەدەنىيلىك توقۇنۇشى»غا قارشى تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، كەسپىي مائارىپ ئىتتىپاقىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، رەقەملىك مائارىپ ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شۇنداقلا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپىنى بېرىدۇ.

  بىز ئادىللىق، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشى، يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىدىكى توغرا تاللىشى. خەلقئارا قائىدىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئاساسەن كۆپچىلىك ئورتاق پۈتۈشى، ئورتاق قوغدىشى كېرەك، كىمنىڭ بىلىكى توم، ئاۋازى يۇقىرى بولسا، شۇنىڭ دېگىنى ھېساب بولۇشقا بولمايدۇ، گۇرۇھ توپلاپ، ئۆزىنىڭ «ئائىلە قائىدىسى، گۇرۇھ نىزامى»نى پەردازلاپ خەلقئارا قائىدىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاپ ھەم كۈچەيتىپ، «كىچىك چەمبىرەك»، «كىچىك گۇرۇھ» بىلەن مەشغۇل بولۇشقا قارشى تۇرۇشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ـ پۇل سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بىز ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى روھىدا چىڭ تۇرۇپ، «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى +» ھەمكارلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەزا كۆپەيتىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى چوڭ ئائىلىسىگە قاتناشتۇرۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، كۆپنىڭ كۈچىنى توپلاپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىشلىرى خەلقئارا ئەخلاق ـ ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، بەش دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ، ئۇ جەزمەن پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئارقىلىق ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش مەنزىلىگە ئورتاق ئاتلىنىشنى خالايدۇ!

  رامافۇسا، لۇلا، پۇتىن، مودى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىجابىي ئىلگىرىلەشكە يۈكسەك باھا بەردى. ھەرقايسى تەرەپلەر مۇنداق قارىدى: جۇغراپىيەلىك سىياسىي توقۇنۇش، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى قىيىنچىلىق قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان نامراتلىق، باراۋەرسىزلىك، ئادالەتسىزلىك قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كەلدى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن يەرشارىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئادىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ. 20 نەچچە دۆلەت كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ ھاياتىي كۈچى، جەلپ قىلىش كۈچى ھەم خەلقئارا ئىشلاردىكى ئىستراتېگىيەلىك قىممىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش روھىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئەزا كۆپەيتىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا ئۆزگىرىش ياساشنىڭ تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ تەرەپلىك تۈزۈلمىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ ھەم ئىسلاھ قىلىپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى جۇغراپىيەلىك سىياسىي رىقابەتنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ـ پۇل سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە سىغدۇرۇشچان ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بەش دۆلەت ۋە كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشى كېرەك.

  ئۇچرىشىش مەزگىلىدە، بەش دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئالاقىدار مېخانىزم مەسئۇللىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

  سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ