شى جىنپىڭ تانزانىيە زۇڭتۇڭى خاسان بىلەن كۆرۈشتى

2023.08.25 15:22 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جوھاننىسبۇرگدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە تانزانىيە زۇڭتۇڭى خاسان بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ خانىمنىڭ بۇلتۇر 11 - ئايدا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولغانلىقى جۇڭگو - تانزانىيە مۇناسىۋىتىدىكى شانلىق پەيت. بىز ھاسىل قىلغان تۈرلۈك ئورتاق تونۇش پائال، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشمەكتە. جۇڭگو - تانزانىيە ھەمكارلىقى ئىزچىل جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ كەلدى، تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق گۈزەل ئەسلىمىسى. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن تانزانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، تانزانىيە تەرەپ بىلەن بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور ئىشلىرىنى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەققانىي تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق.

  خاسان مۇنداق بىلدۈردى: مەن بۇلتۇر جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ھەم رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. تانزانىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلدى، ھەمكارلىق تۈرلىرى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلدى. تانزانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قىممەتلىك مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ، تانزانىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور تەشەببۇسلاردىن كۆپ نەپكە ئېرىشتى. تانزانىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە كېلەر يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەپ، تانزانىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ