لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ 3 - قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى

2023.08.23 15:53 مەنبە: خەلق تورى

  8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن «رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، رەقەملىك تېخنىكا بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىدا 3 - قېتىم مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش قىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى چېن چۈن چۈشەندۈرۈش بەردى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ، جاڭ گوچىڭ، ليۇ گوجۇڭلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  لى چياڭ لېكسىيە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەقەملىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، رەقەملىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، رەقەملىك تېخنىكا بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشىغا، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇش كېرەك.

  لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى كەڭ كۆلەملىك بازار، زور سانلىق مەلۇمات بايلىقى، مول ئەمەلىي كۆرۈنۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى كەڭ بوشلۇققا ئىگە، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، رەقەملىك كەسىپلەشتۈرۈش بىلەن كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي مەۋقەنى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا قويۇپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي تەتقىقاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىلغار تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. دىققەتنى رەقەملىك كەسىپلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يادرولۇق كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، رەقەملىك كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئوخشاش بولمىغان كەسىپ ئالاھىدىلىكى ۋە پەرقلىق ئېھتىياجنى مەۋقە قىلىپ، رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، رەقەملىك تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئومۇميۈزلۈك، تولۇق زەنجىرلىك ئۆزگەرتىپ، ياسىمىچىلىق، مۇلازىمەت كەسپى، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق مۇۋاپىق ئىلگىرى سۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىللىرىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش ۋە كادىرلارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي تىرەكلىك ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ياخشى مۇھىتتىن ئايرىلالمايدۇ. سىستېما قارىشىنى كۈچەيتىپ، تارماقلار ھالقىپ ماسلىشىش ۋە يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مۇھىم ۋەزىپە ۋە مۇھىم قۇرۇلۇشلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تېزدىن تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىككى قولدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ قورساق، ئېھتىياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دائىملىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، بولۇپمۇ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ كۆزلىمىسىنى كۈچەيتىپ، قانۇن - نىزام ۋە سىياسەت - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى تۈزەش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چېگرا ھالقىغان سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، رەقەملىك ئىقتىسادتىكى خەلقئارا ھەمكارلىققا ئاكتىپ قاتنىشىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ