شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى بويىچە ئالاھىدە مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشتى

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئەزا كۆپەيتىشى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ، دەپ تەكىتلىدى

2023.08.25 15:21 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جوھاننىسبۇرگتا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى بويىچە ئالاھىدە مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشتى.

  يىغىندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئارگېنتىنا، ئىران، ئېفىيوپىيەنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇشقا تەكلىپ قىلىنغانلىقى جاكارلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى مۇھىم تەسىرگە ئىگە دۆلەتلەر بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا، بىز ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەت، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسى ئېلان قىلىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بەش دۆلەت رەھبەرلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئارگېنتىنا، ئىران، ئېفىيوپىيەنى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەكلىپ قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى. جۇڭگو تەرەپ بۇ دۆلەتلەرنى تەبرىكلەيدۇ، رەئىس دۆلەت جەنۇبىي ئافرىقا ۋە زۇڭتۇڭ رامافۇسانىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى ئەزا كۆپەيتىش تارىخىي خاراكتېرلىك ئىش بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. بۇ قېتىمقى ئەزا كۆپەيتىش يەنە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كۈچىنى يەنىمۇ زورايتىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىز بىر نىيەتتە ھەمكارلاشساق، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا چوڭ - چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسى پارلاق. بىز ئورتاق تىرىشىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، تەرەققىياتنى پىلانلاش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى!

  جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا رىياسەتچىلىك قىلدى، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ۋە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن (توردا) قاتناشتى.

  يىغىندا «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى جوھاننىسبۇرگ خىتابنامىسى» ماقۇللاندى ھەم ئېلان قىلىندى.

  سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ