شى جىنپىڭ ئىران زۇڭتۇڭى لەيشى بىلەن كۆرۈشتى

2023.08.25 15:22 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جوھاننىسبۇرگدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە ئىران زۇڭتۇڭى لەيشى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ ئىراننىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە ئەزا بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، بۇ قېتىمقى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئەزا كۆپەيتىش قارار قىلىندى، بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك ئىش. يېڭى ئەزالارنىڭ ھەممىسى مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە دۆلەتلەر بولۇپ، دۇنياغا مۇھىم، زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو تەرەپ ئىران بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ ساغلام، كۈچلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل 2 - ئايدا زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى بىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو تەرەپ ھەم ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپ بىلەن بولغان دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر - بىرىنى قوللاپ، جۇڭگو - ئىران ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لەيشى مۇنداق بىلدۈردى: ئىران تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىراننىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇشىنى قوللىغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ ھەم رەھمەت ئېيتىدۇ، بۇ، ئىران - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ تەرەپلىك سۇپا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە پايدىلىق، شۇنداقلا رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پايدىلىق. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىران - سەئۇدى ئەرەبىستانى سۆھبىتى ۋە يارىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئەزا كۆپەيتكەنلىكى بىزگە يەككە تەرەپچىللىكنىڭ ھازىر خارابلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئىران تەرەپ ئىران - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى پائال ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

  سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ