شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

2023.08.23 09:30 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پىرېتورىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ رامافۇسانىڭ تەكلىپى بىلەن، گۈزەل «ھەسەن - ھۈسەن دۆلىتى» جەنۇبىي ئافرىقىدا يەنە بىر قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. بۇ مېنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى سۈپىتىدە جەنۇبىي ئافرىقىدا 4 - قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشۇم. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. 25 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق تېخىمۇ قويۇقلاشتى. جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپ كاتېگورىيەسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ، بارغانسېرى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە يەرشارىۋى تەسىرگە ئىگە بولماقتا.

  ھازىر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، جەنۇبىي ئافرىقىمۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال، ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كەلدى. بايا مەن زۇڭتۇڭ رامافۇسا بىلەن مول نەتىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بىز بىر قاتار مۇھىم ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدۇق. مەن ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالىغا نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدۇم.

  مەن ۋە زۇڭتۇڭ رامافۇسا بىردەك مۇنداق قارىدۇق: جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ئىككى دۆلەت يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك. بىز يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر - بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا قوللىشىمىز كېرەك.

  بىز بىردەك مۇنۇلارغا قوشۇلدۇق: جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا مول نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى تەرەپ ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان تەرەققىيات ھەمراھلىرىدىن بولۇشى كېرەك. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ «توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇش»ى ۋە «جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا 10 يىللىق ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئەۋزەل ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە داۋاملىق ئىلھام بېرىشنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئېنېرگىيە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  بىز بىردەك خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ئۆزئارا ئىناق ئۆتىدىغان دوستانە ھەمراھلاردىن بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىمىز. بىز ھەمكارلىشىش داۋامىدا خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ كەسپىي مائارىپنى كۈچەيتىش، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدۇق.

  بىز بىردەك مۇنداق قارىدۇق: جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ئوخشاشلا مۇھىم تەسىرگە ئىگە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ۋە يېڭىدىن گۈلللىنىۋاتقان بازار دۆلىتى، ئىككى تەرەپ ھەققانىيلىقنى قوغدايدىغان يەرشارىۋى ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك. بىز ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «جەنۇبىي يەرشارى» دۆلەتلىرىنىڭ يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش قۇرۇلۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىشىدە بۇ يىل ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى قوللايدۇ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەنۇبىي ئافرىقا ئۇچرىشىشقا تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن مول نەتىجىلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ قېتىمقى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆگۈنلۈككە، مەن زۇڭتۇڭ رامافۇسا بىلەن جۇڭگو - ئافرىقا رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنىغا ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلىمەن، بۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىدىن بۇيان، جۇڭگو - ئافرىقا باشلىقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ يۈزتۇرا ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدۇ. بىز يىغىنغا قاتناشقان باشقا ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، جۇڭگو - ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  رامافۇسا مۇنداق بىلدۈردى: جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 25 يىل بولغان پەيتىدە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا 4 - قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى كۈتۈۋالغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. جەنۇبىي ئافرىقا خەلقى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە ھەمدە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا زور مىقداردا داۋالاش ماددىي ئەشيا ياردىمى بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن شۇنى قايتا تەكىتلەيمىزكى، بىر - بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا قەتئىي قوللايمىز. بىز بىردەك ئىككى تەرەپنىڭ سودىغا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە، ساياھەت، مائارىپ، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلىمىز. جۇڭگو تەرەپنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، مەن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە باشقا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە جەنۇبىي يەرشارى دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا ئىدارە قىلىشتىكى سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن يەنە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن جۇڭگو - ئافرىقا رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئافرىقا - جۇڭگو ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇنىڭ ئافرىقىنىڭ سانائەتلىشىش ۋە بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشىغا كۈچ قوشىدىغانلىقىغا، جەنۇبىي يەرشارى دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ