شى جىنپىڭ كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىئاز ـ كانېل بىلەن كۆرۈشتى

2023.08.25 09:33 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ جاي ۋاقتى 8 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جوھاننىسبۇرگتا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىئاز ـ كانېل بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر 11 ـ ئايدا، يولداش رەئىس مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، بىز يېڭى دەۋر جۇڭگو ـ كۇبا مۇناسىۋىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو ـ كۇبا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدۇق. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ ئورتاق تونۇشلار ناھايىتى ياخشى ئەمەلىيلەشمەكتە. جۇڭگو تەرەپ كۇبا تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كۇبا تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى باشتىن ـ ئاخىر قەتئىي قوللىغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، كۇبانىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قەتئىي قوغدىشىنى، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە قامال قىلىشىغا قارشى تۇرۇشىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ ھەم پۈتۈن كۈچ بىلەن كۇبانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «77 دۆلەت گۇرۇھى ۋە جۇڭگو» تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق سۇپىسى. كۇبا «77 دۆلەت گۇرۇھى ۋە جۇڭگو»نىڭ بۇ يىلقى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگو تەرەپ كۇبانىڭ كېلەر ئايدا «77 دۆلەت گۇرۇھى ۋە جۇڭگو» باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەم قوللايدۇ، كۇبا ۋە 77 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

  دىئاز ـ كانېل مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر 11 ـ ئايدا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، ئىككى تەرەپ بىز ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ. كۇبا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى نۆۋەتتە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ. كۇبا خەلقى رەئىس شى جىنپىڭغا ئىنتايىن قايىل، جۇڭگونىڭ كۇبانىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى چۈشەنگەنلىكى ۋە قىممەتلىك مەدەت بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. كۇبا تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۇبا ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ. كۇبا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، «77 دۆلەت گۇرۇھى ۋە جۇڭگو» باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ