شى جىنپىڭ سېنېگال زۇڭتۇڭى سال بىلەن كۆرۈشتى

2023.08.25 09:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شۇ جاي ۋاقتى 8 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جوھاننىسبۇرگدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە سېنېگال زۇڭتۇڭى سال بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سېنېگال جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو بىلەن سېنېگالنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. جۇڭگو تەرەپ سېنېگال تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، سېنېگال تەرەپ بىلەن ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەققانىي تەرەققىيات ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشكە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق. جۇڭگو ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا قاتنىشىشىنى قوللايدۇ، راستچىل ـ سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسى ۋە توغرا بولغان ھەققانىي مەنپەئەت قارىشىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئافرىقىلىق قېرىنداشلار بىلەن ئۆزىنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىسى ۋە پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن سېنېگال ئۆزئارا قوللاپ ۋە ماسلىشىپ، جۇڭگو ـ ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم پائالىيەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. جۇڭگو تەرەپ سېنېگال تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىقىدىكى «توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇش»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

سال مۇنداق بىلدۈردى: سېنېگال بىلەن جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، رەئىس شى جىنپىڭ ئافرىقا ۋە سېنېگالنىڭ ئۇلۇغ دوستى. ئىككى تەرەپ سەمىمىي، دوستانە بولۇش روھىغا ئاساسەن، ئۇل ئەسلىھە، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ قاتارلىق كەڭ ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى. سېنېگال تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ يولغا قويغان تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئافرىقا ـ جۇڭگو ھەمكارلىقى ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، ئافرىقا تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى ئۈنۈمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك مەدەت بەردى. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا قاتنىشىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئاشكارا قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز. جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئورتاق رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سېنېگال تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، ئافرىقا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ