شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەم باشقا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2023.08.25 15:20 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جوھاننىسبۇرگتا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەم باشقا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ «بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىگە ئاتلىنايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جوھاننىسبۇرگتا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەم باشقا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  ■ تەرەققىيات خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى. بۇ يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش يىلى. نۆۋەتتە، كۆپ ساندىكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئاستا بولۇپ، كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. يەرشارىۋى تەرەققىيات ئىشلىرى غايەت زور خىرىسقا دۇچ كەلدى. خەلقئارا جەمئىيەت دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى مەنپەئەت دەپ بىلىپ، خەلقنىڭ قەلبىنى مەركەز قىلىپ، تەرەققىيات مەسىلىسىنىڭ قايتىدىن خەلقئارا قارالمىنىڭ يادروسى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، ئورتاق تەرەققىيات ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم خەلقئارا مۇھىت يارىتىش كېرەك

  ■ جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ كەلدى، ئىلگىرى شۇنداق، ھازىرمۇ شۇنداق، كەلگۈسىدىمۇ مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىر ئەزاسى! مېنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسىتىم پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياردەم بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈندۇر. بۇلتۇر، جۇڭگو تۇنجى نۆۋەتلىك يەرشارىۋى تەرەققىيات يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، بىر قاتار تەرەققىيات ھەمكارلىق تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خۇشاللىنارلىق ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. بىز تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق سېلىنمىسىنى زورايتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات ۋە جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى فوندى تەسىس قىلدۇق، جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى پات ئارىدا مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەخسۇس ئىشلىتىدۇ. بىز ھەرىكەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. 200دىن ئارتۇق ھەمكارلىق تۈرى ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، نامراتلارنى ئازايتىش، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. بىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇردۇق. دىققەتنى يېشىل تەرەققىيات، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشتۇق. بىز ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇردۇق. جۇڭگو − بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى ھاۋالە فوندىنى قوزغىتىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئاشلىق ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ئىگىلىكى تېخنىكا بىلىملىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، يەرشارىۋى پاكىز ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتۇق

  ■ جۇڭگو ئافرىقىنىڭ ئىشەنچلىك دوستى، ئۆتكەن ئون يىلدا ئافرىقىنى نۇرغۇن تەرەققىيات ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، 6000 كىلومېتىردىن كۆپرەك ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۈريول، 6000 كىلومېتىردىن كۆپرەك ئۇزۇنلۇقتىكى تاشيول، 80دىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئەسلىھەسىنى قۇرۇشقا قاتناشتى. كېيىنكى باسقۇچتا، جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىنى قوللايدۇ، بۇ، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئۆلچەش - سىزىش يۈرۈشلۈك سانلىق مەلۇمات مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش، «ئاقىل تاموژنا» ھەمكارلىق ھەمراھىلىق پىلانىنى يولغا قويۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ «يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ئارقىلىق ئافرىقىنىڭ كەلگۈسىگە كۈچ قوشۇش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئافرىقىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى پائال قوللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ھەرقانداق بىر دۆلەتنى دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە سەپتىن چۈشۈرۈپ قويمايلى

  يىغىنغا جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا رىياسەتچىلىك قىلدى، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن (توردا) ۋە 60 نەچچە ئافرىقا دۆلىتى ھەم باشقا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ياكى ۋەكىللىرى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى روسسېف قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى. سۈرەتتە: يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جوھاننىسبۇرگتا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەم باشقا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  يىغىنغا جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا رىياسەتچىلىك قىلدى، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن (توردا) ۋە 60 نەچچە ئافرىقا دۆلىتى ھەم باشقا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ياكى ۋەكىللىرى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى روسسېف قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ «بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىگە ئاتلىنايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تەرەققىيات خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى. بۇ يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش يىلى. نۆۋەتتە، كۆپ ساندىكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئاستا بولۇپ، كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. يەرشارىۋى تەرەققىيات ئىشلىرى غايەت زور خىرىسقا دۇچ كەلدى. خەلقئارا جەمئىيەت دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى مەنپەئەت دەپ بىلىپ، خەلقنىڭ قەلبىنى مەركەز قىلىپ، تەرەققىيات مەسىلىسىنىڭ قايتىدىن خەلقئارا قارالمىنىڭ يادروسى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، ئورتاق تەرەققىيات ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم خەلقئارا مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ كەلدى، ئىلگىرى شۇنداق، ھازىرمۇ شۇنداق، كەلگۈسىدىمۇ مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىر ئەزاسى! مېنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسىتىم پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياردەم بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈندۇر. بۇلتۇر، جۇڭگو تۇنجى نۆۋەتلىك يەرشارىۋى تەرەققىيات يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، بىر قاتار تەرەققىيات ھەمكارلىق تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خۇشاللىنارلىق ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. بىز تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق سېلىنمىسىنى زورايتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات ۋە جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى فوندى تەسىس قىلدۇق، جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى پات ئارىدا مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەخسۇس ئىشلىتىدۇ. بىز ھەرىكەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. 200دىن ئارتۇق ھەمكارلىق تۈرى ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، نامراتلارنى ئازايتىش، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. بىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇردۇق. دىققەتنى يېشىل تەرەققىيات، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشتۇق. بىز ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇردۇق. جۇڭگو − بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى ھاۋالە فوندىنى قوزغىتىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئاشلىق ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ئىگىلىكى تېخنىكا بىلىملىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، يەرشارىۋى پاكىز ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ئافرىقىنىڭ ئىشەنچلىك دوستى، ئۆتكەن ئون يىلدا ئافرىقىنى نۇرغۇن تەرەققىيات ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، 6000 كىلومېتىردىن كۆپرەك ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۈريول، 6000 كىلومېتىردىن كۆپرەك ئۇزۇنلۇقتىكى تاشيول، 80دىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئەسلىھەسىنى قۇرۇشقا قاتناشتى. كېيىنكى باسقۇچتا، جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىنى قوللايدۇ، بۇ، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئۆلچەش - سىزىش يۈرۈشلۈك سانلىق مەلۇمات مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش، «ئاقىل تاموژنا» ھەمكارلىق ھەمراھىلىق پىلانىنى يولغا قويۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ «يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ئارقىلىق ئافرىقىنىڭ كەلگۈسىگە كۈچ قوشۇش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئافرىقىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى پائال قوللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ھەرقانداق بىر دۆلەتنى دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە سەپتىن چۈشۈرۈپ قويمايلى.

  يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

  سەي چى، ۋاڭ يى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ